تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «باراۋەر بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ پېڭ، فۇشۇاڭچى) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى «باراۋەر بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاياللار ئىشلىرى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئاياللار جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى، كۈچ قوشتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشىغىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشتا، جۇڭگودىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىليونلىغان ئايال جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاياللار تەرەققىياتى يولىدا تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دېموكراتىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر يۈرگۈزۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا باراۋەر قاتنىشىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن باراۋەر بەھرىلەندى، خوجايىنلىق ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، يېرىم دۇنيالىق كۈچىنى تولۇق چىقاردى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى. جۇڭگونىڭ ئاياللار ئىشلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى شانلىق بولدى. جۇڭگونىڭ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلەش مۇساپىسى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان ئايالنىڭ دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش مۇساپىسى، ئاياللارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى، ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇشنىڭ جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن يۇغۇرۇلۇش جەريانى، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ يەر شارىدىكى ئاياللار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى مەدەنىيلىك مۇساپىسى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە كىردى. ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈش ھەم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى ھەم ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. جۇڭگو شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەرەققىيات داۋامىدا ئاياللارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان ئايالنى يېتەكلەپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى