تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

«پىروگرامما»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشتىكى ئالدىنقى ساھە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم تىرەك، يېڭى دەۋردە قاتناش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا.

«پىروگرامما»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 2020- يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى قاتناش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ۋە «13- بەش يىل»لىق زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

2021- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

2035- يىلىغا بارغاندا، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، خەلق رازى بولىدىغان، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

«پىروگرامما»دا يەنە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇكەممەل، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشقان بولۇشى؛ قاتناش جابدۇقلىرىنىڭ ئىلغار، مۇۋاپىق، مۇكەممەل، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشى؛ تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ قولاي، ئازادە، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشى، ئاقىل يېتەكلەيدىغان بولۇشى؛ بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ مۇكەممەل، ئىشەنچلىك بولۇشى، ئىنكاسىنىڭ تېز بولۇشى؛ يېشىل تەرەققىياتنىڭ تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇشى؛ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان بولۇشى؛ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ سەرخىل، كەسىپىي بولۇشى، يېڭىلىق يارىتىپ تۆھپە قوشۇشى؛ تۈزەش سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى، تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى؛ كاپالەت تەدبىرلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى