تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار»

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى تاماملاشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلدى. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ھەققانىيەت كۈرىشىدە، «بىر جۇڭگو» پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى.

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت جۇڭگو خەلقىنىڭ تەيۋەننى ئازاد قىلىشىدا ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ۋە تىنچلىق ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇمكىنچىلىك ئۇسۇلى بار، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. «جۇڭگو خەلقى ئىمكانىيەت يار بەرگەن شارائىتتا تىنچلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەننى ئازاد قىلىشنى خالايدۇ» «تىنچ سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەننى ۋەتەن قوينىغا يېڭىباشتىن قايتۇرۇپ كېلىپ، قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىدۇ.» لېكىن تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بۇ تەشەببۇسلار ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى.

1958- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ماۋ زېدۇڭ تەييارلىغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پېڭ دېخۇەينىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»دە ئاشكارا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق. 36 تەدبىر ئىچىدە ئەپلىشىپ قېلىش ھەممىدىن ئەلا تەدبىر» «دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، ئىككى جۇڭگو يوق».

1958- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ماۋ زېدۇڭ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پەقەت جياڭ فامىلىلىك ئاتا - بالا ئامېرىكىغا قارشى تۇرسىلا، بىز ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشساق بولىدۇ؛ تەيۋەن، پېڭخۇ، جىنمېن، مازۇلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلسە، ئەسلىدىكى ئۇسۇلى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدۇ، ئارمىيەنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ، ئۈچ مەسلەك بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانسا بولىدۇ. 1960- يىلى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى، جوۋ ئېنلەي سۆھبەت روھىنى «بىر مىزان، تۆت قاراش»قا يىغىنچاقلىدى ھەم جاڭ جىجۇڭنىڭ 1963- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى چېن چېڭغا يازغان خېتى ئارقىلىق تەيۋەن تەرەپكە يەتكۈزدى.

«بىر جۇڭگو» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ ئۇسۇل ئارقىلىق تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنىڭ بېكىتىلىشى ئۈچۈن سىياسىي ئاساس سېلىپ بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى