تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە تېلېۋىزور سوۋغا قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن پەن يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى چىكە كەنتىدە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلارنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە تېلېۋىزور سوۋغا قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سوۋغا قىلىش نەق مەيدانىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 40 نامرات ئائىلە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلىق 32 دىيۇملۇق سۇيۇق كىرىستاللىق رەڭلىك تېلېۋىزورنى مەركەزلىك ئالدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىنقىلابىي كونا رايونلار ۋە نامرات رايونلارغا 620 مىڭدىن ئارتۇق تېلېۋىزور سوۋغا قىلدى، سوۋغا قىلىش ئوبيېكتى نامراتلىقتىن تېخى قۇتۇلمىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى تېلېۋىزورى يوق قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 51 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىگە تېلېۋىزور سوۋغا قىلىندى.

تېلېۋىزورنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، بارىن يېزىسىنىڭ چىكە كەنتىدىكى نامرات ئاھالە گۈلشەن ھىمىتنىڭ چىرايىدا نۇرلۇق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. گۈلشەن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، بىز پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى سىياسەتلىرىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ھازىر تېلېۋىزور بار بولدى، تاشقى دۇنيانى چۈشىنىدىغان يەنە بىر يول كۆپەيدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن پارتىيەنىڭ يېڭى سىياسەتلىرى ۋە بېيىش، ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى بىر قىسىم پىروگراممىلارنى كۆپرەك كۆرۈپ، مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ، بىلىم ئۆگىنىپ، نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن».

«تېلېۋىزور سوۋغا قىلىش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامرات ئاممىغا بولغان چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللىغانلىقىنى نامايان قىلدى، نامرات ئاممىدا تېلېۋىزور بار بولسا، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى قۇرۇلۇش، تەرەققىياتتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئورتاق ھېس قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتەك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ» دېدى چىكە كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى لى خەيجۇڭ.

بۇلتۇر ۋە بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شىنجاڭغا، نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا جەمئىي 55 مىڭ 800 تېلېۋىزور سوۋغا قىلغان. بۇ قېتىم مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلار يەنە دۆلەت بايرىمى ئالدىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە 51 مىڭ 541 تېلېۋىزور سوۋغا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «مەنىۋى كەمتۈكلۈك»نى تولۇقلىدى، بۇ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى