تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونى ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە غەمخورلۇق قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: (ئىختىيارىي مۇخبىر چېن لىۋېن خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، شاڭخەيلىك ساياھەتچى سۈن چۈنلەن قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېشى قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدى. بۇ مەنزىرە رايونى چۈشەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ لەنخۇا بۇ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنى يۆلەپ سالقىن جايغا ئېلىپ كېلىپ ئارام ئالدۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا مىنېرال سۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئاستا ئىچىشنى جىكىلىدى. بىر ئازدىن كېيىن، سۈن چۈنلەندىكى بىئارامچىلىق ئالامىتى ئاستا-ئاستا يوقىدى. ياڭ لەنخۇا يەنە كۈنلۈكتىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلدى. سۈن چۈنلەن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەر تولىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىپسىلەر، ساياھەتچىلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىلەر، گەرچە ئادەتتىكى بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىكەن!»

  9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خۇنەنلىك ساياھەتچى لى خۇڭ قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، مەنزىرە رايوننىڭ مۇھىتى ۋە مۇلازىمىتىدىن بەكمۇ رازى بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونى ئىشىكى ئالدىدا كۈتۈۋېلىش خادىمى بىزنى بېلەت ئېلىشقا، مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە يېتەكلىدى، ئادەمگە ئۆز ئۆيىگە كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن».

  بۇنىڭغا ئوخشاش قەلبنى ئىللىتىدىغان كىچىك ھەرىكەت ۋە كىچىك غەمخورلۇقلار، قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.

  9-ئاينىڭ 10-كۈنى، 60 نەچچە ياشلىق سىچۇەنلىك ساياھەتچى مەنزىرە رايونىدا تويۇقسىز ھوشىدىن كەتتى. ياڭ لەنخۇا بۇنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال مەنزىرە رايوننىڭ 24 سائەت جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا ئۇردى. ئەسلىدە، بۇ ساياھەتچى قان قەنتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ھوشىدىن كەتكەن، داۋالاش خادىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇشى بىلەن بۇ ساياھەتچى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى.

  بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى چې رۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بىر ساياھەتچى سومكىسىنى ئوت يېقىش سۇپىسىدىكى مەنزىرە نۇقتىسىغا چۈشۈرۈپ قويدى». بۇنى بايقىغان چى رۇڭ نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەردىن سورىغاندىن كېيىن، ئىگىسىنى تاپالمىدى. ئۇ دەرھال ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلەشتى ھەمدە سومكىسىنى سۈرەتكە تارتىپ ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلىغا ئەۋەتىپ بەردى، كېيىن سومكىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان ساياھەتچىنى ۋاقتىدا تېپىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كېيىنكى سەپىرىگە تەسىر يەتكۈزمىدى.

  قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىدا كۆلىمى چوڭ، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە قەدىمى ئىمارەتلەر بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىمۇ ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى