نۇرغۇن كىشىلەر مەنزىرە رايونلىرىدا گۈل تاماشاسى قىلىدۇ، مىڭشا تېغى دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسى سىزنىڭ بىر بېرىشىڭىزغا، ئەستايىدىل ھېس قىلىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
مورى ناھىيەسىنىڭ ناھىيە مەركىزىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شىمالغا 160 كىلومېتىر ماڭسا، يىراقتىنلا كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكتە چوقچىيىپ تۇرغان قۇم بارخانلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ مىڭشا تېغى دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسى.
مىڭشا تېغى قۇمنىڭ سىيرىلىشىدىن غايەت زور ئاۋاز ھاسىل قىلىش بىلەن داڭلىق. بۇ يەرگە ساياھەت قىلغىلى كەلگەن كىشىلەر تاغ چوققىسىغا چىقىپ سىيرىلىپ چۈشۈپ باقىدۇ.