تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

سانجىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن كۆرگەزمىدىكىلەر ھەيران قالدى

 

ساياھەت كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى كىشىنى ھەيران قالدۇردى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى ( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى يۈفېي خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2019 گۇاڭدۇڭ خەلقئارا ساياھەت كەسپى كۆرگەزمىسى گۇاڭجوۋ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمە سارىيىدا باشلاندى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت ماركىسى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە نامايەن بولۇپ، كۆرگەزمىسىدىكىلەرنى جەلپ قىلدى .

    بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى، مەدەنىيەت ساياھەت كارخانىلىرى، ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.  شادىيانە ناخشا-ئۇسسۇل، قىزغىن تەكلىپ، شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .

  جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ساياھەت مەنبە بازىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى ۋە ئوبرازىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپى جەمئىيىتى، جىمىسار ناھىيەسى بىرلىكتە كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى ۋە نامايان قىلدى.

  «تىيانشاننى ئايلىنىش- مىڭ چاقىرىملىق ئالتۇن لىنىيە» شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان يادرولۇق ساياھەت لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىدىغان ئەڭ ياخشى كۆزنەك. ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىغان بۇ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىگە تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەنزىرىلىك جايلار توپلاشقان جاي، ئادىمىيەت مۇزېيى، ئۆرپ-ئادەت سەنئەت زالى، يېمەك - ئىچمەك بايرىمى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

  سانجى ئوبلاستى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىن پايدىلىنىپ، «تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش + ساياھەت تونۇشتۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ۋە تاۋارلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە نامايان قىلىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەت كەسپى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، سانجىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت بازىرى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى«تىيانشاننى ئايلىنىش . پۈتۈن مەنزىرىلىك شىنجاڭ» بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلغان ساياھەت ماركىسى بولۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك مۇشۇ لىنىيە ئۈستىدە، دۇنيا تەبىئىي مىراسى-تىيانشان بۇغدا كۆلى، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى − بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى، «مۇز بىلەن ئوتنىڭ تۇتىشىشى» تىيانشان قار تېيىلىش مەيدانى ۋە ۋۇجياڭ ئارشاڭ شەھىرى، 10 مىڭ مو بىنەم ئېتىزلىق جامبۇلاق، «ئالتۇن رەڭلىك قار لەيلىسى» شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى . . . يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ھەر بىر مەنزىرە نۇقتىسىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىپ، مەخسۇس پويىز ساياھىتى، ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ ساياھەت قىلىشقا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭدۇڭ ساياھەت كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدىكى ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى يارقىن نۇقتا بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. كۆرگەزمە سارىيىدا يەنە شىنجاڭنىڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى، ئۆزگىچە تاۋارلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلدى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاۋارلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.

  2019 گۇاڭدۇڭ خەلقئارا ساياھەت كەسپى كۆرگەزمىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى خەلقئارالىق مەدەنىيەت ساياھەت كاتتا كۆرگەزمىسى بولۇپ، « مەدەنىيەت + » ۋە « ساياھەت + » ئامىلى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى