9-ئاينىڭ 19-كۈنى، زاۋچياڭ ناھىيەسى ماتۈن بازىرى ساڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى چۈجگۈن قوناق ئېتىزىدا ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ زاۋچياڭ ناھىيەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلىدىكى زاكازلىق تېرىش» ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، چۈجگۈن قوناقنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشنى تەرەققىي قىلدۇردى. ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شىركىتى تېخنىكا جەھەتتە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر تۇتاش تېرىپ، بىر تۇتاش ئورۇپ، بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ، تېرىشتىن تارتىپ يىغىۋېلىشقىچە بولغان «بىر تۇتاش مۇلازىمەت»نى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، بۇ ناھىيە 3500 مو «نامراتلارنى يۆلەش چۈجگۈن قونىقى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، دېھقانلار زاۋچياڭ ناھىيەسى ماتۈن بازىرى ساڭجياجۇاڭ كەنتىدە شال ئورۇش مەشغۇلاتى قىلماقتا(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، دېھقانلار زاۋچياڭ ناھىيەسى ماتۈن بازىرى ساڭجياجۇاڭ كەنتىدە چۈجگۈن قوناق ئورۇش مەشغۇلاتى قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، زاۋچياڭ ناھىيەسى ماتۈن بازىرى ساڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ھوسۇل ئالغان ئاشلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى