تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

چىش ئاسراشنى بالىلاردىن باشلاش كېرەك

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك 1-يەسلىدىكى كىچىك دوستلار توغرا بولغان چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى مەشىق قىلماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: «مەملىكەتلىك چىش ئاسراش كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك 1-يەسلى «چىشنى ئاسراپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش» سەھىيە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تىببىي خادىملار كىچىك دوستلارغا چىش ساغلاملىقى بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ چىش ئاسراش، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى قوغداشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك 1-يەسلىدە تىببىي خادىملار كىچىك دوستلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك 1-يەسلىدە تىببىي خادىملار كىچىك دوستلارغا ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ شۈدۇڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى