تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى

يېڭىلىق يارىتىشتا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ كېلى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2009- يىلىدىكى 40 نەچچە مىليون يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 260 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى. بۇ، بۇ شىركەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقانلىقىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن.

«يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى (TRIZ نەزەرىيەسى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىركەتنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىن نۇقتىسى ۋە <ئاغرىش نۇقتىسى> ھەل قىلىنىپلا قالماي، يەنە شىركەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيدى، بىز ھەر يىلى سېتىشتىن قىلغان كىرىمنىڭ %4ىگە يېقىنىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلەتتۇق.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش ئىقتىسادچىسى سۇڭ شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلىغا قەدەر، شىركەت 15 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتى ۋە 39 تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنتقا ئىگە بولدى.

2008- يىلى يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بويىچە كارخانىلارنى تەربىيەلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قوللىنىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئىنژېنېرى، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەربىيەلەش ئۇستىسى قاتارلىقلاردىن 1000 ئادەم قېتىمغا يېقىن تەربىيەلەپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى 500 نەچچە تۈرلۈك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ھەم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بويىچە تەربىيەلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى تەربىيەلەپ، تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، خالاس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى.

2018- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى «كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش بويىچە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئېچىش»تىن ئىبارەت نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلان تۈرىنى يولغا قويدى. شۇ يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش بويىچە باج ئېلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان كارخانىلار 1112گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %51.49 ئاشتى، قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىنغان سومما 3 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېقىن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %66.69 ئاشتى؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلاردىن باج ئېلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان كارخانا 142 بولۇپ، كارخانىلارنىڭ 540 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تاپاۋەت بېجى سوممىسى كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى.

يېڭىلىق يارىتىشتا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تەرەققىياتتا ھاياتىي كۈچ بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى كەسىپلەردە باشلامچى تىپىدىكى بىر تۈركۈم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار بارلىققا كەلدى. يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى، شىنتې ئېنېرگىيەسى، يېشىللىق ئەلچىسى؛ يېڭى ماتېرىيال ساھەسىدىكى جۇڭتەي خىمىيەسى، لەنشەن تۈنخې، شىنجاڭ جۇڭخې؛ بىيو تېببىي دورا ساھەسىدىكى تيەنكاڭ بىيولوگىيەسى، ئۇيغۇر دورىگەرلىكى، يىندولەن؛ ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى دېلەن سۇ تېخنىكىسى، دېئەن مۇھىت ئاسراش، شۈرى مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلار. 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 599 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 126 مىليارد 664 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.04 ئاشتى.

«يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى <يېڭى موتور>غا ئايلاندى.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېڭ گۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئاپتونوم رايون كارخانىلارنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تېز يېتىشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى