تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چىش ئارىسىغا تاماق كىرىۋالسا، بەش خىل ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن

  تاماق يېگەندە چىش ئارىسىغا تاماق كىرىۋالسا، بەش خىل ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

  چىش مىلكى يىگىلەش ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بىمارلاردا چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدىغان بولۇپ، چىش مىلكى بارغانسېرى يېگىلەپ، چىش ئارىلىقى كېڭىيىپ، يېمەكلىك ئاسانلا كىرىپ قالىدۇ.

  ئەقىل چىشى ئەقىل چىشى بىخلانغاندا، بوشلۇق يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، دائىم ئەتراپتىكى چىشلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ، يېمەكلىك تۇرۇپ قالىدۇ.

  قۇرت يېگەن چىش ئەگەر قۇرت يېگەن چىشنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، «تۆشۈك» پەيدا بولۇپ، يېمەكلىك ئاسانلا تۆشۈككە كىرىپ قالىدۇ.

  چىش ئۇپراش چىش ئۇپرىغاندىن كېيىن، چىشنىڭ ئەتراپى ياكى چىشنىڭ ئۇچى ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ، تاماق چاينىغاندا يېمەكلىكتىكى تالالارنى چىشنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ. تاماق چىشنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغاندا يىپ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئەگەر كۆپرەك نەرسە كىرىۋالغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  تۆۋەندە چىش ئاسراشتىكى يەتتە خىل ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇرىمىز.

  1. ئالما، سەۋزىنى كۆپرەك چايناش كېرەك. چۈرۈك يېمەكلىكلەر چىش چوتكىسىغا ئوخشاش چىش داغلىرىنى تازىلاشقا پايدىلىق.

  2. تەركىبىدە ئازراق سودا تەركىبى بولغان چىش پاستىسى تاللاش. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش، ئەڭ ياخشىسى ھەر  بىر ۋاخ تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش كېرەك، بۇ چىش بىلەن چىش مىلكى ئوتتۇرىسىدىكى يېمەكلىك ۋە باكتېرىيە دېغىنى تازىلاشقا پايدىلىق.

  3. چىش يىپى ئىشلىتىش. چىش يىپى چىش چوتكىسى يېتىپ بارالمايدىغان چىش، چىش مىلكى يوچۇقلىرىنى تازىلاپ، قۇرت يېگەن چىش ۋە چىش مىلكى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  4. تاماكا تاشلاش. ھەر قانداق تاماكا بۇيۇمى ئېغىز بوشلۇقى توقۇلمىلىرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ ھەمدە چىش رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. تاماكا يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چىش مىلكى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  5. ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىڭ. ھەر كۈنى رېتسېپسىز ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپ داشقاللارنى تازىلاشقا ياردەم بەرسىڭىز، چىش باكتېرىيە دېغىنى ئازايتىپ، چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  6. ھەر يىلى ئىككى قېتىم چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈڭ. چىش دوختۇرى دەسلەپكى چىش مىلكى كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىيالايدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك، يەنە كالتسىيلاشقان چىش دېغىنى تازىلاش كېرەك.

  7. كۆپرەك سۈت ۋە سۇ ئىچىپ بېرىش. ئادەم بەدىنىدىكى %95تىن يۇقىرى كالتسىينىڭ ھەممىسى چىشتا بولىدۇ، سۈت ئىچسە كالتسىي تولۇقلىنىدۇ، چىشنى كۈچلەندۈرىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچكەندە يېمەكلىك ۋە باكتېرىيەلەرنى ئېقىتىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ تاماقتىن كېيىن يېپىشىۋېلىپ، كىسلاتا پەيدا قىلىپ چىشنى چىرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاشقا ياكى چىش يىپى ئىشلىتىشكە بولمىسا، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشمۇ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى