تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى شىسۈن كەنتى سۇڭپىيازدىن ھوسۇل ئالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چېن پېڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سى يۇخۇا خەۋىرى، فوتوسى) «بۇ يىل سۇڭپىيازنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇش قىلىدۇ، بىر مو يەردىن 5000 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ھوسۇل ئالالايمەن، بازاردىكى بىر كىلوگىرام سۇڭپىيازنىڭ باھاسى 1 يۈەن 2 مو ئەتراپىدا، تەننەرخىنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلىغاندا، 20 مو يېرىمدىن 90 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلالايمەن» دېدى كۆكتاتچى ۋاڭ فەنپىڭ خۇشال ھالدا. 9- ئاينىڭ 18- كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00دە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ سەنداۋبا بازىرى شىئېرخۇشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزاسى ۋە  ئەترەت ئەزالىرىنى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ فەنپىڭ ئائىلىسىنىڭ سۇڭپىياز ئېتىزىغا بېرىپ ياردەملىشىپ سۇڭپىياز يۇلۇشقا تەشكىللىدى. يېقىندا، شىسۈن كەنتىدىكى 230 مو سۇڭپىياز ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كەلدى. خىزمەت ئەترىتى كىشىلەرنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆكتاتچى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ سۇڭپىيازنى يىغىش ۋە سېتىشقا تەشكىللىدى. «خىزمەت ئەترىتى سودىگەرلەر بىلەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ سۇڭپىياز سېتىۋېلىش ۋە نەق پۇل بىلەن سودا قىلىشقا ئالاقىلىشىپ بەردى، بىز ئەمدى ھەرگىزمۇ گاھىدا ئاپتاپتا قاقلىنىپ، گاھىدا يامغۇردا قېلىپ سەي ساتمايدىغان بولدۇق.» ۋاڭ فەنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «قىيىنچىلىقتا قالغان چاغلاردا دائىم خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار ياردەم قىلىدۇ. سىلەرگە رەھمەت!»

 «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كۆكتاتچى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ سۇڭپىياز يىغماقتا.
 كۆكتاتچى دېھقانلار ئېتىزدا يىغىپ قويغان سۇڭپىيازلارنى باغلىماقتا.
باغلام-باغلام سۇڭپىيازلارنى تۇتۇپ تۇرغان كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ يۈزىدە مول-ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى كۆكتاتچى دېھقانغا ياردەملىشىپ باغلاپ قويغان سۇڭپىيازنى ماشىنىغا بېسىشقا تەييارلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى