تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساۋەن ناھىيەسى ئارشاڭ مەنزىرە رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈر ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يەن ۋېنخۇا، جياۋ زۇچىڭ، ۋاڭ چۈەنلىن خەۋىرى): كۈز كىرىپ، گەرچە ھاۋا سوۋۇغان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسىدىكى ئارشاڭ مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى پەسەيمىدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارشاڭ مەنزىرە رايونىنى ئاچتى، مەنزىرە رايونى ئىستىراھەت رايونىنىڭ 1-قارارلىق تۈرى 2018-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ياخشى سۇ سۈپىتى، گۈزەل مەنزىرە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  ئىستېمالچىلارنىڭ ساياھەت قىلىش، ئارشاڭغا چۈشۈش، ياتاقتا يېتىش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 2-قاراردا 150 ئېغىز ياتاق سېلىندى، ھازىر ياتاق تازىلىقى قىلىش ۋە توردا تەڭشەش خىزمىتى باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا 150 ئېغىز ياتاق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياتاقتا يېتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى زور دەرىجىدە ھەل قىلىنىدىكەن.

  ساۋەن ناھىيەسى ئارشاڭ مەنزىرە رايونى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئىنچىكە نۇقتىلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسسىق-سوغۇق سۇ، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قول سۈرتۈش قەغىزى، قول قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق بۇيۇملار ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلىدى، تازىلىقچى خادىملارمۇ ھەر ۋاقىت تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پاكىز، رەتلىك مۇھىتنى ساقلىدى.

  قارامايدىن كەلگەن ساياھەتچى چېن ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: مەن ھەر يىلى ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ساۋەنگە كېلىپ ئارشاڭغا چۈشىمەن، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ناھايىتى ياخشى، بولۇپمۇ تازىلىق ئۆيى پاكىز، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قول قەغىزى، قۇرۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر تولۇق، بىر قەدەر راھەت.

  ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تەسىرات بېرىش ئۈچۈن، 7-ئايدا، مەنزىرە رايونى ئەسلىدىكى سىناق تۈرى ئاساسىدا بالىلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان توپ كۆلچىكى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى كۆپەيتتى، گەرچە تۈر كۆپەيگەن بولسىمۇ ، بېلەت باھاسى ئۆرلىمىدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى