تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا ناھىيەسى: مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، خالىسانە كېسەل كۆرۈش، ئاساسىي قاتلامغا كىرىش، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۇچا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىشخىلا بازىرى قۇمئېرىق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، خالىسانە كېسەل كۆرۈش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلار كېسىلى، كۈز پەسلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، ھەمدە بىمارلارغا 5000 يۈەندىن ئارتۇق دورا بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

  «سىزنىڭ بالىڭىز ئادەتتىكى زۇكام ئىكەن، ئادەتتە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ، بۇ بىر نەچچە خىل دورىنى كۈندە ئۈچ قېتىم، بىر قېتىمدا بىر بولاقتىن ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، زۇكىمى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» دېدى خالىسانە كېسەل كۆرگۈچى دوختۇر خۇ يېۋىن كەنت ئاھالىلىرىگە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تاپىلاپ.

  كەنت ئاھالىسى زىۋىدە راخمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « خالىسانە كېسەل كۆرۈش دوختۇرلىرى بىزدەك ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغان ياشانغانلارنى ئىشىك ئالدىدىلا تەكشۈرۈپ، كېسەل كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى.»

  «خالىسانە كېسەل كۆرۈش ئاساسلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. بىز ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا داۋالىنىشقا يېتەكلەيمىز.» دېدى كەنتنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئۆمەر نىياز.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن شاڭ جۈنلىن، يۈ جۈن تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى