تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

باي ناھىيەسى: ئوقۇش باشلاش پەسلىدە، بالىلارنىڭ چېھرىدە خۇش تەبەسسۇم جىلۋىلەندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇن بىلەن ئالاقە قىلىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ بالىلارغا 182 جۈپ ئاياغ، 600دىن ئارتۇق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلدى.

  يېڭى ئاياغنى قولىغا ئېلىپ خۇشال بولغان 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا-ھەدىلەرگە رەھمەت، بۇ سوۋغات تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن، مەن بەك خۇش بولدۇم، بىز ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمىز».

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن خۇرشىدە تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى