تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مورىلىق دېھقان فاڭ جىچياڭ 14 يىلدا 1300 مو قۇملۇقنى ئورمانلىققا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ چيەن، نيۇ گوخۇا فوتوسى، خەۋىرى): مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى چۆرېن يېزىسىنىڭ سەككىز كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ چېتى 14 يىل ئىلگىرى قۇم بارخانلىرى تۇتىشىپ كەتكەن قاقاس قۇملۇق ئىدى؛ 14 يىلدىن كېيىن، بۇ يەردىكى دەل-دەرەخلەر بىر- بىرىگە تۇتىشىپ، بۈك-باراقسان ئورمانلىققا ئايلاندى، چۆرېن يېزىسىدىكى 57 ياشلىق «جاھىل» دېھقان فاڭ جىچياڭ بۇ يەرنى ئۆزگەرتتى.

  «بىر كۈن كېلىپ قاراپ باقمىسام، كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ» فاڭ جىچياڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردە ئۆزى تىككەن ئىككى مىليون تۈپتىن ئارتۇق دەرەخ  بار بولۇپ، كۆلىمى 1300 مودىن ئاشىدىكەن.

فاڭ جىچياڭ ئورمانلىقنىڭ چېتىدىكى قۇم بارخىنىغا قاراپ ماڭدى

  جۇڭچيۇ بايرىمىدا، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى بۇ يەردە جەم بولۇپ، ئورمانلىقتا بېقىلغان توخۇ، ئۆردەك ۋە تاۋۇز، قوغۇن، ئۈزۈم، ئالمىلارنى يەپ خۇشاللىققا چۆمدى. بىر ئادەم قۇم دېڭىزىغا ئاتلىنىشتىن بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىللە ئورمانلىققا يۈرۈش قىلغانغا قەدەر، جاھىل فاڭ جىچياڭ جاھىللىقى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ئورمانلىقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تېخى تىزگىنلەنمىگەن قۇم بارخىنىدا ئولتۇرغان 57 ياشلىق فاڭ جىچياڭ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى بۇ يەرلەر قۇم بارخانلىرى ئىدى، بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيتتى، كەپە ئىچىگە بىر كارىۋات قويۇپ ياتاتتىم، ئويغانغاندا ئۈست-بېشىم قۇمغا كۆمۈلۈپ قالايلا دەيتتى.»

  ئەينى يىلى فاڭ جىچياڭغا ئەگىشىپ ماڭغان قۇم بارخانلىرىنى تازىلاش ئۇسۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى چېن خۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئىككى قۇم تازىلاش ماشىنىسى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران 1300 مودىن ئارتۇق يەرنى تۈزلىگەن.

  يېنىدىكى پۇلى تۈگەيلا دەپ قالغان بولسىمۇ، فاڭ جىچياڭ يەنە 100 مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ زىرائەت تېرىدى، تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا سەرپ قىلدى. سەككىز يىل بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىر بۇ گىياھ ئۈنمەيدىغان يەردە تۈپ-تۈپ تېرەكلەرنى قەد كۆتۈرگۈزدى.

  تېرەك تېز ئۆسىدۇ، ئورمان تېز ھاسىل بولدى، ئۇنىڭ قۇم-بوراننى توسۇش ئۈنۈمى ياخشى، ئۆسۈپ يېتىلگەندىن كېيىن ئارىلاپ كەسسە يەنە بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھازىر تېرەكلەرنىڭ بېلى توملىدى، لېكىن ئۇنىڭ بىر تۈپىنىمۇ كېسىشكە كۆزى قىيمايدۇ.

  بۇ ئېكولوگىيەلىك ئورمان نەچچە ئون كىلومېتىر يېشىللىق توسۇقى ھاسىل قىلىپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ قۇم-بورىنىنى توستى، چۆرېن يېزىسىدىكى دېھقانلارغا قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىسىنى كۆرسەتتى، ئەينى يىللاردا ئۇنىڭدىن گۇمانلانغانلار ئۇنىڭ جاھىل روھىغا قايىل بولدى.

1300 مو ئېكولوگىيە ئورمىنىغا بوشلۇقتىن نەزەر

  ئۇ، قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە رايونى، بېلىق تۇتۇش، ئارام ئېلىش رايونى، خاس يېمەك-ئىچمەك رايونى، ياۋا قۇش باقمىچىلىق رايونى، باغ-ئورمان مېۋە ئۈزۈش باغچىسى، ئورگانىك مېۋە-چېۋە تېرىش باغچىسى، ئورگانىك كۆكتات تاللاپ ئېلىش باغچىسى، تەبىئىي دورا ماتېرىياللىرى باغچىسى، ساياھەتچىلەرنىڭ يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزىنى ئېچىپ، بۇ يەرنى ھاۋادا ياۋا غاز، ئورماندا ئېتىز، ئېتىزلىقتا مەنزىرە، مەنزىرىدە سۇ، سۇدا بېلىق بار ساياھەت، كۈتۈنۈش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى.

فاڭ جىچياڭنىڭ ئورمان ئىقتىسادى ئىستىراھەت ھېس قىلىش باغچىسىنىڭ دەرۋازىسى ۋە ۋىۋىسكىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى