نىڭشيا تېببىي داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلىق باھارى ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش» پائالىيىتى نەق مەيدانى
خەلق تورى، يىنچۇەن، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى: يېقىندا، نىڭشيا تېببىي داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلىق باھارى ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش» باش تېما تەربىيەسى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى يەنخۇ مەكتەپ رايونى تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى. 40 دانە قىزىل بايراق يىغىن مەيدانى ئاسمىنىدا لەپىلدىدى. ئوقۇغۇچىلار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، «ۋەتەننى كۈيلەش» ناخشىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى ھەمدە سەپكە تىزىلىپ جۇڭگو خەرىتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.
كىلىنىكىلىق داۋالاش شۆيۈەنى 2016- يىللىق كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چاڭ چىڭنىڭ مۇنداق دېدى: «ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ خىل، ئەڭ گۈزىلى ۋەتەن ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش. مەن سېنى سۆيىمەن، جۇڭگو!»
نىڭشيا تېببىي داشۆسىدە «ياشلىق باھارى ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەتنى ئىپادىلەش» باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 100دىن ئارتۇق سىنىپ، 5000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پائالىيەتكە قاتناشقان، ئوقۇغۇچىلار دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، قىزىل ناخشا ئېيتىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكە دائىر كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلغان.