تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

يوپۇغا ناھىيەسى: «ساياھەت + نامراتلارنى يۆلەش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ فايۆ خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ داۋاكۆل قۇم ساياھەت مەنزىرە رايونى ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەردى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشكە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

  داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ھەمىشە ئالدىراش يۈرۈيدىغان يىگىت __ ئەلى مەخمۇتنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەلى مەخمۇت مەنزىرە رايونىدىكى قۇملۇق كارت ئاپتوموبىلىنى رېمونت قىلىش شاگىرتى بولۇپ، تېرىم بازىرى تۈزيانتاق كەنتىدە تۇرىدۇ، بۇ يىل 27 ياشقا كىردى. ئۇ مەنزىرە رايونىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇن، ئىشلەمچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، كىرىمى مۇقىم ئەمەس، تۇرمۇشتىن قىسىلاتتى. يوپۇغا ناھىيەسى تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەلى مەخمۇتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بېرىپ، ئۇنى ئىككى قولىغا تايىنىپ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى. 2019-يىلى 3-ئايدا، ئەلى مەخمۇت مەنزىرە رايونىدا ئىشلىدى، ئۇ كەمتەر، تىرىشچان، قابىلىيەتلىك بولغاچقا، رېمونتچىلىق تېخنىكىسى ناھايىتى تېزلا ئېشىپ، لاياقەتلىك رېمونتچى بولۇپ قالدى.

  ئەلى مەخمۇت مەنزىرە رايونىدا خىزمەت قىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا كەنتكە بېرىپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئەلى مەخمۇت مەنزىرە رايونىنىڭ تاۋۇز سېتىۋالىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى، دەل شۇ چاغدا ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە بىر تۈركۈم تاۋۇز بار بولۇپ، سېتىش يولى بولمىغاچقا، ئۆيىگە دۆۋىلىنىپ قويۇلغانىدى. ئەلى مەخمۇت ئاكىسىغا ياردەملىشىپ مەنزىرە رايونى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاخىرى ئاكىسىنىڭ تاۋۇزىنى سېتىپ تۈگەتتى. داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى داجۇڭ قۇملۇق لاگېرىنىڭ تىجارەتچىسى جۇ شىڭشيا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىمىز بىر قەدەر چوڭ، دېھقانلارنىڭ قولىدىن بىۋاسىتە سېتىۋېلىشنى خالايمىز، بۇنداق بولغاندا مال مەنبەسى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

  مەنزىرە رايونىنىڭ، شىركەتنىڭ تۈرتكە بولۇشى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى، ھازىر داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئەلى مەخمۇتقا ئوخشاش نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى