تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى مەدھىيەلىدى

100 مەيدان كۇەيشەن، 25 مىليون تىلەك

تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى مەدھىيەلىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى دابياۋ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» APPسىنىڭ «ئەمەلىيەت» سەھىپىسىدە «يۈز مەيدان كۇەيشەن، 25 مىليون تىلەك − تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى مەدھىيەلىدى» قىسقا سىنى ۋە ماقالىسى باش قىسمىدا قويۇلۇپ ئۇلاپ تارقىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قويۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىشنىڭ شادلىق مۇقەددىمىسىگە ئايلاندى.

دەۋر ئۈلگىسى، پېشقەدەم چېگرا قوغدىغۇچى ۋېي دېيۇ بىلەن خوتۇنى شامالدا تىك تۇرۇپ، لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقىغا قاراپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن «سېنى سۆيىمەن جۇڭگو!» دەپ توۋلىدى.

بۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى كۇەيشەننى سۈرەتكە ئالغان چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش. سۈرەتكە ئالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان تارباغاتاي ۋىلايەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى غادالەت سەيپۇللا مۇنداق دېدى: «يېرىم ئاي سۈرەتكە ئالدۇق، ھەر كۈنى تەسىرلىنىش، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئۆتتۇق».

بۇ يىل 5- ئايدا «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى بىلەن تىيانشان تورى بىرلىكتە، «تىيانشاندا ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى مەدھىيەلەش» قىسقا سىنىنى توپلاش، قويۇش پائالىيىتىنى قوزغىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، ياخشى ئەسەرلەر ئۈزۈلمىدى، تارىم ئويمانلىقىدىن ئالتاي تاغ تىزمىسىغىچە، پامىر ئېگىزلىكىدىن ئىلى دەريا ۋادىسىغىچە، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى دۆلەت شېئىرىنى قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئېيتىپ، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايمىز» «قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە» قاتارلىق 11 ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك چەكسىز چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈش جۇشقۇن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. بۇ كۇەيشەن قىسقا سىنلىرى «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش خۇشال كەيپىياتىنى ياراتتى.

يېقىندا، كۇەيشەن ئەسەرلىرىنىڭ 100- قىسمى ئېلان قىلىنغاندا، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى «100 مەيدان كۇەيشەن، 25 مىليون تىلەك − تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى مەدھىيەلىدى» قىسقا سىنىنى ۋە ماقالىسىنى ئىشلىدى ھەم ئېلان قىلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىقلارغا قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە، رايون، شەھەرلەرنىڭ «نۆل ئارىلىق» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدا بەس - بەستە تارقىتىلىپ، دوستلار چەمبىرىكىنى سىجىل قاپلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك قىزىق نۇقتىلىق تارقىتىلىشنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى