تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«ئالدىراپ - تېنەپ ئالدىغا قاراپ بۆسۈش»

1958- يىلى 5- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8- قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، كۆپ، تېز، ياخشى، تېجەشلىك بىلەن سوتسىيالىزم قۇرۇش باش لۇشيەنى ماقۇللاندى، 15 يىلدا ئەنگلىيەگە يېتىشىۋېلىش ۋە ئېشىپ كېتىش نىشانى ھەمدە «ئۈچ يىل جاپالىق ئىشلەپ، قىياپەتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش» قاتارلىق شوئارلار ماقۇللاندى.

بۇ باش لۇشيەندە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قېلىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى جىددىي تەلەپ قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، لېكىن ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە سەل قارالغان. يىغىندىن كېيىن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈرئىتىنى بىر تەرەپلىمە قوغلىشىش، پىلان كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى بەلگە قىلغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان.

«چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»تە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈرئىتى، يۇقىرى كۆرسەتكۈچى قوغلىشىلغان ھەم ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئاتالمىش تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك شەكىلگە ئۆتۈشكە ئالدىراپ كېتىلگەن.

8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، «يېزىلاردا خەلق گۇڭشېسى قۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار»نى چىقارغان. يىغىندىن كېيىن، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە خەلق گۇڭشېسىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېزدىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، يۇقىرى كۆرسەتكۈچ، قارىغۇلارچە قوماندانلىق قىلىش، ئاشۇرۇۋېتىش شامىلى، «كوممۇنىزم» شامىلىنى ئاساسلىق بەلگە قىلغان «سول»چىل خاتالىق ئېغىر يامرىغان.

پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئومۇمىي خەلق كەڭ كۆلەمدە پولات - تۆمۈر تاۋلاش ئاممىۋى ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلاردا خەلق گۇڭشېسىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلگەن. نۇرغۇنلىغان جايلار ئەمەلىيەتكە سەل قاراپ، خەلق گۇڭشېسىنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى دەپ جاكارلىغان ھەم «كوممۇنىزمغا ئۆتۈش»نى نۇقتىدا سىناق قىلغان.

1958- يىلى كۈز بىلەن قىش ئارىلىقىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ زېدۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەرىكەت داۋامىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقاشقا باشلىغان، 11- ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ خاتالىقنى تۈزىتىشنى قول سېلىپ ئىشلىگەن. ۋەزىيەت ياخشىلىنىش تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىشكە باشلىغان، لېكىن «سول»چىل خاتالىق تەلتۆكۈس تۈزىتىلمىگەن. 1959- يىلىنىڭ 7-، 8- ئاي ئارىلىقىدا ئېچىلغان لۇشەن يىغىنىدىن كېيىنكى مەزگىلدە، يەنە پېڭ دېخۇەي قاتارلىق كىشىلەر خاتا ھالدا تەنقىد قىلىنغان، ئارقىدىن «ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش» كۈرىشى باشلىنىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پارتىيە ياخشى ئارزۇ بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا ئىزدىنىشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىنتىلگەن. لېكىن تەدبىرنىڭ ئۆزى خاتا بولغانلىقى ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى ئېغىش تۈپەيلىدىن، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراشتەك تىرىشچانلىقتا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئېغىر، زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى