تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

تەكشۈرۈپ تەستىقلاش «ئورۇن بوشاتتى» مۇلازىمەت «تۆرگە چىقتى»

ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرى بىز مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ نەق مەيداندا ئىش بېجىرەتتۇق، ھازىر ئۆيىمىزدە تور ئارقىلىقلا ماتېرىيال يوللىغىلى بولىدۇ؛ ئىلگىرى 60 خىزمەت كۈنىدە ئاندىن تەستىق ھۆججىتىنى ئالالايتتۇق، ھازىر 40 خىزمەت كۈنىدە، ھەتتا تېخىمۇ قىسقا ۋاقىتتا ئالالايمىز. بۇ تەننەرخنى تېجەپلا قالماي، يەنە كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى.» 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلار توغرىسىدا شىنجاڭ خىمىيە - سانائىتى لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى چيەن گاڭنىڭ تەسىراتى ناھايىتى كۆپ بولدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش «ئورۇن بوشىتىش»، مۇلازىمەت «تۆرگە چىقىش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەھەتتە، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى قايتا تۇرغۇزۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، ئىش جەريانىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا توردا قوبۇل قىلىش، توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سۇپىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تىزىملاش جەدۋىلىنى توردا ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكلى ئۆزگەرگەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇشنى قەتئىي مەنئى قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا پەرقلىق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىق قاتارلىق يەتتە تۈردىكى سەككىز قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا مەسئۇل تارماقلىرىغا بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ۋە تارماقلار، كارخانىلارنىڭ مەسىلىلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ ئىچكى قىسمدىكى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شارائىتقا، ئىشقا قاراپ دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى؛ مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتۇش قىلىپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلدى؛ ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق پىلان ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى باش بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون بوشلۇقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى باھالاش ھەم «ئۈچ سىزىق، بىر تىزىملىك» (ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن سىزىقى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى سىزىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازەت تىزىملىكى)نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ. «ئۈچ سىزىق، بىر تىزىملىك»نى تۈزۈش ئارقىلىق، رايون ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسى ئوبيېكتىپ باھالىنىپ، تۈرلۈك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىلىق جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، بىر پارچە خەرىتىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي تەلىپى بىرتۇتاش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تۈزۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچى: خەلققە قولايلىق بازار ئېچىلدى ئاھالىلەر كۆڭۈلدىكىدەك مال سېتىۋالدى
  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى!
  • «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قوزغىتىلدى