خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۇنۋان تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت دەرسى، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە پراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۈرگە ئايرىپ باھالاپ، ئىككى خىل ئوقۇتقۇچىغا بىردەك ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرۇش بەلگىلەندى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باھالاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى مەسىلىسىدە «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش»نى يولغا قويۇش؛ ئۇقۇتقۇچىلارنى باھالاش ئۆلچىمىنى تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، «تۆتكە تايىنىش» خاھىشىنى تۈگىتىپ، ساھە كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي كەچۈرمىشىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى، ئەمەلىي ئوقۇتۇش ۋە تېخنىكا-ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھات ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى گەۋدىلىك باھالاش؛ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا يەنىمۇ مايىللىشىپ، مۇناسىپ دەرىجە ئاتلاپ باھالاش شەرتلىرىنى بېكىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي مائارىپ، ئوقۇتۇش مۇتەخەسسىسلىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، ساھە، كارخانا تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا باھالاش ئىقتىدارىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى ئىلمىي ئاساستا مۇۋاپىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. كەسپىي مائارىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تۈرى ئېنىق، نامى بىرلىككە كەلگەن، ئىلمىي قېلىپلاشقان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.