تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يەن فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ چارباغ يېزىسى بوستان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەشپۈت ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى ئېتىز-ئېرىق، باغلاردا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ سىيماسىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلار دېھقانلارنىڭ نەشپۈت ئۈزۈشىگە ئاكتىپ ياردەملىشىپ، سېتىش يوللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۈزلۈك يىغىم قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، باغدىكى نەشپۈتلەرنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندۇردى.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى