تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياڭاق يېيىش ئۈچەي يولىغا پايدىلىق

  يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلى بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن ھەم تولا قوزغىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ياڭاقنى كۆپ يەپ بەرسە، يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ۋە داۋالاش رولىنى ئوينايدىكەن.

  ئامېرىكا كوننېكتىكۇت داشۆسى بىلەن تېكساس يېزا ئىگىلىك سانائەت داشۆسىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى چاشقانغا تەجرىبە ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار ئۇدا ئىككى ھەپتە يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان چاشقانغا ياڭاق يېگۈزگەن، چاشقاننىڭ ھەر كۈنى يېگەن ياڭىقى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنىڭ %14نى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە، ياڭاق يېگەن چاشقاننىڭ بوغماق ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز، يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ياڭاق يېمىگەن چاشقانغا قارىغاندا ئاز بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، چاشقاننىڭ ياڭاق يېگەندىن كېيىنكى چىقىرىندىلىرىنىڭ مېتابولىزم ماددىلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان، بۇ ئۈچەي يولىنى قوغدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. تەتقىقات نەتىجىسى «ئوزۇقشۇناسلىق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

  بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى دوكتور دانيېل روسېنبورگ مۇنداق دېدى: ياڭاقتىكى تەبىئىي بىرىكمىلەر ۋە ئۆسۈملۈك خىمىيەۋى ماددىلارنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، بۇ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرىغا كۈنىگە 20دىن 25كىچە ياڭاق يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، تەتقىقاتچىلار ياڭاقنىڭ باشقا ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلىگە بولغان پايدىلىق تەرىپىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى