9-ئاينىڭ 17-كۈنى، كەنت ئاھالىسى پىشقان يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى ئۈزمەكتە. ئىچكى موڭغۇل خۇلۇنبىر شەھىرى مورىنداۋا داغۇر ئاپتونوم خوشۇنى فۇجى بازىرى فېڭخۇا كەنتىدە يېمەكلىك زەمبۇرۇغ بازىسى قۇرۇلۇپ، سىلىق موگۇ، ياپىلاق موگۇ، مايمۇنباش موگۇ قاتارلىق زەمبۇرۇغ كەسپى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. نۆۋەتتە، كەنتتىكى زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار رۇسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىپ چىقىرىلدى. يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.
لى جىپېڭ فوتوسى
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى