تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئارال كەنتىدىكى سېرك سىنىپى: بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قابىلىيىتى بار

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر قەدىرىيە خەۋىرى، سۈرەتنى مەمەتجان روزى تەمىنلىگەن) «مۇئەللىم، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! سىز قاچان ئارال كەنتىگە بىزنى كۆرگىلى كېلىسز؟» 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، تېلېفوندا بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ۋە بەخت تىلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان 38 ياشلىق مەمەتجان روزى كۈلۈمسىرىدى.

مەمەتجان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ داڭلىق ياش ئارتىسى، ئىلگىرى چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سېرك تىياتىرى «ياخشىمۇسىز، ئەپەندى»نىڭ ئەر باش رولچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، تېلېۋېزىيە تىياتىرى «مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات»، «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» فىلىمىدە رول ئالغان. تېلېفوننى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى قاراساي يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى ئەنۋەر مەمەت ئۇرغان بولۇپ، تېلېفوندا پات-پات ئاڭلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ ئاۋازى ئارال كەنتى سېرك سەنئىتى تەربىيەلەش كۇرسىدىكى بالىلارنىڭ ئاۋازى ئىدى.

كەنتىمىزگە «داڭلىق چولپان» كەلدى

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بالىلارنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنى مەمەتجاننىڭ ھېلىھەممۇ ئېسىدە.

ئۆمەك باشلىقى ئەنۋەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالىلار مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئېتىزلىقتا كەپسىزلىك قىلىدىكەن، بۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردە بالىلارنى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش ئويى پەيدا قىلغان. ئويلىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق سېرك كۇرسى ئېھتىياج بىلەن بارلىققا كەلگەن.

ئوقۇغۇچىلار يېزىدىكى كىچىك چولپانغا ئايلاندى

4-ئاينىڭ 25-كۈنى، سېرك سىنىپىدا دەرس باشلاندى، شۇ كۈندىن تارتىپ، ئارال كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا داۋاملىق مۇنداق مەنزىرە شەكىللەندى:

« بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت؛ بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت ...»

مەمەتجاننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا مۇزاكىرە سىنىپى ئاچقان، ھەر كۈنى بالىلار تاماق يەپ بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئالدى بىلەن كوللېكتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن، ھەم مەخسۇس ئادەم ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، ئارقىدىن بىرلىكتە سېرك ئۆگىنىدىكەن. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بالىلار ئەۋرىشىملىكنى ئىگىلەپلا قالماي، تەۋرەنمە نەيچە، خۇلاچۈەن، تەخسە ئايلاندۇرۇش، دارۋازلىق، چىغ قالپاق، غوڭۇلداق (ئويۇنچۇق) قاتارلىق سېرك ئاساسىي ماھارەتلىرىنى ئىگىلەپ بولغان، نەتىجىسىمۇ خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى كاۋاك يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈزۈم مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىدا، بالىلار ئورۇنلىغان بالىلار سېرىك ئويۇنى «بىز غەيرەت قىلايلى» بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يازلىق تەتىلدىكى 15-مەيدان ئويۇنى ئاخىرلىشىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئاتا-ئانىلار ماختاشتى  بالىلار ياخشى كۆردى

«مەن داۋاملىق سېرك ئويۇنلىرىنى تېلېۋىزوردا كۆرەتتىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭمۇ بىر سېرك ئارتىسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتىمىزدە مۇشۇنداق شارائىت بار بولغاندا، مېنىڭ بۇنىڭدىن ۋاز كەچكۈم كەلمىدى. مەن مۇئەللىمگە ئەگىشىپ پولات سىمدا مېڭىشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئويۇن كۆرسىتىمەن.» دېدى ئابدۇكېرەم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

«گەرچە بالىلار بۇنىڭدىن كېيىن سېرك ئويۇنى يولىدا ماڭمىسىمۇ، لېكىن بىز بۇ مەدەنىيەت شەكلى ئارقىلىق بالىلارغا دۇنيانى چۈشەندۈرۈشنى، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار دەۋر قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»دېدى ئەنۋەر مەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى