تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان 5-پۇقراۋى ئايرودۇرۇم تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، 3U8013 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان گەنزى گېسار ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شۇ كۈنى، 3U8013 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇشى بىلەن، سىچۈەن گەنزى گېسار ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇ ئايرودۇرۇمدا قاتناش باشلىنىشى چېڭدۇدىن گەنزى ئوبلاستىنىڭ كاڭبېي مەركىزىي رايونىغا قاتنايدىغان ۋاقىتنى بىر سائەتكە قىسقارتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ خۇڭجىڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى سىچۈەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان A319 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4068 مېتىر كېلىدىغان سىچۈەن گەنزى گېسار ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇ دۆلىتىمىز بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان 5-پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، گەنزى گېسار ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى 2017-يىلى 6-ئايدا رەسمىي باشلىنىپ ئىككى يىلدا پۈتكەن. ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، سىچۈەننىڭ ئۆلكە مەركىزى چېڭدۇدىن گەنزى ئوبلاستىنىڭ كاڭبېي مەركىزىي رايونىغا بارغاندىكى ۋاقىت بۇرۇنقى ئاپتوموبىل بىلەن يۈرگەندىكى سەككىز، توققۇز سائەتتىن ئايروپىلان بىلەن بارغاندىكى بىر سائەتكە قىسقارغان.

گەنزى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئايرودۇرۇمدا قاتناش باشلىنىشى پەقەت گەنزى ئوبلاستىنىڭ كاڭبېي رايونىدىكى 500 مىڭ ئاممىنىڭ «تاغلار ئېگىز، يوللار يىراق بولۇش، تاغ-داۋان ئاتلاش»تەك قاتناش ئەھۋالىنى ياخشىلاپلا قالماي، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى شۇنىڭدەك رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گىسار ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىئاتسىيە رايونى گىسار مەدەنىيەت باش تېمىسى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرودۇرۇم بىناسىغا ئوكسېگىن ئىشلەش ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئايرودۇرۇمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 200دىن كۆپرەك پۈركىمە ئۈسكىنىسى ئايرودۇرۇمنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قەدەر ئوگسېگىن يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن، يەنە 110دىن كۆپرەك «ئوكسېگىن ياساش قۇتىسى» ئارقىلىق زالنىڭ ئوكسېگىن مىقدارى تەڭشىلىدىكەن. ئايرودۇرۇمنىڭ يىللىق ساياھەتچى سىغدۇرۇش مىقدارى 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلىشىچە، ھازىر، گەنزى گېسار ئايرودۇرۇمىدا چېڭدۇ لىنىيەسى ئېچىلغان، يېقىندا چۇڭچىڭ، شىئەن، كۇنمىڭ قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش پىلانلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى