تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«غۇر - غۇر شامال، سىم - سىم يامغۇر»دىن «كۈچلۈك بوران، قارا يامغۇر»غىچە

1956- يىلىدىن باشلاپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنىڭ جىددىي تاماملىنىشى سەۋەبىدىن، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم زىددىيەتلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ زېدۇڭ كادىرلارنىڭ ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشىدىن ئاگاھ بولۇش ۋە ساقلىنىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىستىل تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى.

1957- يىلى 2- ئايدا، ماۋ زېدۇڭ «خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا» دېگەن مۇھىم سۆزنى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتىكى ئىككى تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى زىددىيەتنى جەزمەن توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى دۆلەت سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ باش تېمىسى قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆزى پۈتۈن پارتىيەدە ئىستىل تۈزىتىش ئۈچۈن ئىدىيەۋى قوزغىتىش بولدى.

4- ئاينىڭ 27- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يوليورۇق»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش باش تېما قىلىنغان، بىيۇروكراتلىققا، مەزھەپچىلىككە ۋە سۇبيېكتىۋىزمغا قارشى تۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر قېتىملىق ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. كەڭ ئامما، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى چاقىرىققا پائال ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى ھەمدە پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئىستىلىغا قارىتا زور مىقداردىكى پايدىلىق تەنقىد ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمما ئىستىل تۈزىتىش جەريانىدا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۇرژۇئازىيە سىنىپىدىكى ئوڭچىل ئۇنسۇرلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «چوڭ سايراش - چوڭ ئېچىلىش»نى تەرغىب قىلىپ، پارتىيەگە ۋە يېڭىدىن ئورنىتىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھۇجۇم قوزغاپ، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىگىلىۋېلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇ خىل ئەھۋال پارتىيەنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى. 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ماۋ زېدۇڭ «ئىشلار ئۆزگەرمەكتە» ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىقتى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بوران - چاپقۇنلۇق قارا يامغۇر شەكلىدە ئوڭچىللارغا قارشى كۈرەش شىددەتلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، تاكى 1958- يىلى يازغا كەلگەندە ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.

ئەينى چاغدا، پارتىيە سىنىپىي كۈرەش ۋەزىيىتىنى زىيادە ئېغىر مۆلچەرلىگەنلىكتىن ۋە ھۆكۈم قىلغانلىقتىن، ئوڭچىللارغا قارشى كۈرەشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زور بىر تۈركۈم كىشى خاتا ھالدا «ئوڭچىل ئۇنسۇر» قىلىپ قويۇلۇپ، نۇرغۇن ياخشى يولداشلار، ياخشى كادىرلار ۋە پارتىيە بىلەن ئۇزاق مەزگىل ھەمكارلاشقان دوستلارغا خاتا ھالدا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈلدى. نۇرغۇن يولداشلار ۋە دوستلار ئۇزاق مەزگىل ئۇۋالچىلىق، بېسىم ۋە بەختسىزلىككە ئۇچراپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە زىيان كەلتۈرۈپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل دۆلەت ۋە پارتىيە ئىشلىرىغىمۇ زىيان كەلتۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، قالايمىقانچىلىق ئومۇميۈزلۈك ئوڭشىلىپ، خاتا ھالدا «ئوڭچىل ئۇنسۇر» قىلىپ قويۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئاقلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى