تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ 2- قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 9- ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەرگىچە، بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن رايونى ۋە چاڭئەن كوچىسى بويىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي جەريان، ئومۇمىي ئامىل، قىسمەن كۈچ مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن. تەخمىنەن 280 مىڭ كىشى مانېۋىرغا قاتناشقان، مۇراسىمنى كۆرگەن ياكى نەق مەيداننىڭ تۈرلۈك كاپالەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2- قېتىملىق مانېۋىر تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى مۇراسىمى، ھەربىي پارات، ئامما نامايىشى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، مەيدان يۆتكىلىش ھەم جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مانېۋىر مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىچكى قىسىمدىكى جىپسىلىشىش نۇقتىلىق ماسلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەشكىللەش، قوماندانلىق ۋە كاپالەت سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن. 2- قېتىملىق مانېۋىردا تۇنجى قېتىملىق مانېۋىر ئاساسىدا، تېخىمۇ كۆپ ئادەم، مۇھىم ئامىل ۋە ھالقىلار كۆپەيتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملار نۇقتىلىق ھالدا ھەربىي پارات شەكلىدە، كۆرەك شەكلىدە، قۇرۇقلۇق پەلەمپەيسىمان ئەترەت شەكلىدە سەپ تۈزۈپ مانېۋىر قىلغان. ئامما نامايىشىدا يىغىلىش - تارقىلىش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە مېڭىش، ماسلىشىش - جىپسىلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ھەرقايسى ئويۇن كۆرسىتىش بۆلەكلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە بويىچە يۇغۇرۇلۇشى ۋە جىپسىلىشىشى، ماسلىشىشى مانېۋىر قىلىنغان، نەق مەيداندا ئويۇن كۆرسىتىشنىڭ بىر پۈتۈن ئۈنۈمى نامايان قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى ۋاقتى 24 سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان مانېۋىر پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىنىشى تەرتىپلىك، ھالقىلىرى ئۆزئارا ئۇلانغان بولۇپ، ھەربىر جەريان، ھەربىر كۆرۈنۈش، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر مىنۇت - سېكۇنتىغىچە دەل توغرا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، مەسئۇلىيەت ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كۆزلىمە نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: 2- قېتىملىق مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق، چېتىلىدىغان رايونلارنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولدى، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى