تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى %100كە يېقىنلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن، پىراكتىكانت جاڭ شياۋخەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش «ئاساسىي گەۋدىسى» مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدۇ. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 899 يېزا - بازارلىق شىپاخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى %99.3كە، 8902 كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى %97.2كە يەتكەن.

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، 2014- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تارقاتتى، ھەرقايسى جايلار سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ كېسەل كۆرۈش، داۋالاش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتى داۋالاش ئۆيىنىڭ دوختۇرى لۈ رۇڭشىن بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ناھىيەدىكى يېشى ئېشىپ كەتسىمۇ «خىزمەت قىلىۋاتقان» ئىككى كەنت دوختۇرىنىڭ بىرى. «ئۇ ۋاقىتلاردا بىر كىچىك دورا ساندۇقى، تىڭشىغۇچ، تېرمومېتىر، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ئاساسەن ھەممە بىساتىمىز ھېسابلىناتتى. ھازىر بىزنىڭ بۇ ئازادە، يورۇق داۋالاش ئۆيىمىزگە قاراپ بېقىڭ، گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ھەممە نەرسە تولۇق.» 40 نەچچە يىل كەنت دوختۇرى بولغان لۈ رۇڭشىن ئۆزى مۇلازىمەت قىلىدىغان 524 كىشىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى 68 كىشى، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى 24 كىشى... ئۇ يەنە كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى»نى كىرگۈزەلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز «ناھىيە، يېزىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يېزا - بازارلىق شىپاخانىلارغا قارىتا تېخنىكا جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىگە تۈرتكە بولۇش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. «يېزا - كەنتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، «يېزا تەكلىپ قىلىش، يېزا باشقۇرۇش، كەنت ئىشلىتىش»نى يولغا قويۇپ، كەنت دوختۇرلىرىنىڭ تەمىنات مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەنت دوختۇرلىرى قوشۇنىنى مۇقىم قىلدى.

لۈ رۇڭشىن بىر ئايدا ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، ئادەتتىكى كېسەل كۆرۈش ھەققى، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم مۇلازىمىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق 3000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدۇ. «بىز ئەمدى <يالاڭ ئاياغ دوختۇر> ئەمەس، ئورنىمىزمۇ ئۆستى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ، مېنىڭ يۇرتداشلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى» دېدى لۈ رۇڭشىن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاھالىلەردە ئۆز ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەخسلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى تەكشۈرۈشنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىۋېتىدىكەن، ئىلگىرىكى ساغلاملىق ئۇچۇرى، زىيارەت خاتىرىسى، كېسەل كۆرسىتىش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئاسانلا ئىگىلىگىلى بولىدىكەن. ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم مۇلازىمىتى سۇپىسىدا «ئاھالىلەر ساغلاملىق» ئەپ دېتالىغا تايىنىپ، ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ئەسكەرتمىسى، ساغلاملىق تەربىيەسى قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. نۆۋەتتە، كېلىشىم ئىمزالاپ ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇلغان ئائىلە 958 مىڭ 700گە، ئاھالە 2 مىليون 865 مىڭ 200گە يەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو ۋېيجياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق نامرات ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىكنىڭ ھەممىسىدە داۋالاش ئاپپاراتى بولۇش، لاياقەتلىك دوختۇر بولۇش، مۇناسىپ مۇلازىمەت ئىقتىدارى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ھازىر بار خادىملارنى تەربىيەلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بارلىق يېزا - كەنت دوختۇرلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى