شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن
«نوقۇتتىن ئازراق سالايمۇ؟ لازىسى كۆپرەك بولسۇنمۇ ياكى ئازراقمۇ...» 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئىدى، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسى شولاق كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىر كۆچمە تاماق ھارۋىسىنى زىچچىدە ئورىۋالغانىدى، 23 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئوغۇلنىيازخان ئابدۇللا كۆچمە تاماق ھارۋىسى يېنىدا ئالدىراشلىقتىن پۇت - قولى يەرگە تەگمەي قالغانىدى.
2018- يىلى يىل بېشىدا، يەنىلا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئوغۇلنىيازخان يېزىنىڭ كۆچمە تاماق ھارۋىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن نەپ ئېلىپ، بىر تاماق ھارۋىسىلىق بولۇپ قالدى. دەسلەپتە، ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئوقەت قىلدى، گەرچە ئادەم ئاز بولسىمۇ، لېكىن كۈندە تاپىدىغان 30 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە پۇلدىن ئۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى. «ھازىر، بىر كۈندە ئەڭ ئاز بولغاندا 300 - 200 يۈەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 800 - 700 يۈەن تاپىمەن، بىز بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلىمىز.» قانچىلىك كىرىم قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئوغۇلنىيازخان كۈمۈش قوڭغۇراقتەك ئاۋازدا يېقىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
بۈگۈنكى شولاق كەنتىنىڭ ھەممە يېرىنى «ئالدىراش»لىق قاپلىغانىدى. ئۆتكەن - كەچكەن كەنت ئاھالىسىنىڭ بەزىلىرى تېلېفون قىلغاچ ئالدىراش ماڭسا، بەزىلىرى توكسىكلىتلىق ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈپ كېتەتتى. «ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ!» دېدى 71 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىمىن ھېيت مۇخبىرغا.
بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ ئىلچى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئەترەت ئەزالىرى كۈندە كەنتنى ئارىلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىردىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كەڭ دوستلاشتى. ئەترەت ئەزالىرى كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەربىر ئائىلىگە «ئۆلچەپ بېكىتىلگەن» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش لايىھەسى تۈزۈپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.
«ھازىر، كەنت كوچىلىرىدا بىكارچىلارنى تاپقىلى بولمايدۇ، كۆپچىلىك ۋاقتى بولسىلا، قانداق قىلغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلايدىغان بولدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ ئىلچى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باش يېتەكچىسى شى ۋېنخەي.
يېقىندا، شولاق كەنتى كەنت بويىچە 2019- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان 155 ئائىلىلىك 764 كىشىنى ئائىلىلەرگە كىرىپ %100 تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ئۆتكۈزۈۋالدى. 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، شولاق كەنتى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش - چېكىندۈرۈش بويىچە دېموكراتىك باھالاش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دېموكراتىك باھالاش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت ئاھالىسىنىڭ مەيدىسىگە يوغان قىزىل گۈل تاقىدى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
64 ياشلىق توختى ھەسەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، كەنتتە نامرات ئاھالىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدا دېموكراتىك باھالاش يىغىنى ئېچىلغاندا، كەنت ئاھالىسى بەس - بەستە نامرات ئاھالە بولۇشنى تالىشاتتى. «مۇشۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، كۆپچىلىك بەس - بەستە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە بولۇشنى تالىشىدىغان بولدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟» توختى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دېدى: «چۈنكى نامراتلىق ھۇرۇنلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ، كەنتتىكىلەر كۆزگە ئىلمايدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشەنچكە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان قىلدى».
شى ۋېنخەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق زور بىر تۈركۈم نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. نۆۋەتتە، شولاق كەنتى 2019- يىللىق نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىش خىزمىتىنىڭ چېكىنىپ چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى كوللېكتىپ باھالاپ، كوللېكتىپ پىكىر شەكىللەندۈردى، نۆۋەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا يوللىدى.
«يۆلىگىلى بولمايدىغان ئامما يوق، پەقەت مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئۇسۇل بار.» شى ۋېنخەي مۇنداق دېدى: شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەل جايىدا تەدبىر قوللانغاندىلا، «دورا ئارقىلىق كېسەلنى داۋالاپ»، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش، ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.