تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى يولدا «سۈرئەت تېزلەشتى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ مېڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شې خۇ خەۋىرى، سۈرەتنى ئورقۇ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن): جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش ئۆتۈپ، دۆلەت بايراملىق ئۇزۇن دەم ئېلىشمۇ يېتىپ كېلەي دېدى، ئەگەر دەم ئالغان ۋاقتىڭىزدا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى يولدا سۈرئەتنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى بايقايسىز. يېقىندا قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئورقۇ چوڭ ئەترىتى مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى يەتتە يولنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىپ، يولنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

      9- ئاينىڭ 12- كۈنى، مۇخبىرنىڭ قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئورقۇ چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يول قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يول يۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىلگىرىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىنىڭ سۈرئەت چەكلەش ئۆلچىمى ھازىرقى يېڭى يول ئەھۋالىغا ماس كەلمىگەن. شۇڭا، ئورقۇ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتوموبىللارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، 217 دۆلەت يولى بىلەن تۇڭشىڭ يولى چوڭ كۆۋرۈكىدىن تۇڭشىڭ يولى بىلەن شىڭخې يولى، 217 دۆلەت يولى بىلەن لۇڭتېڭ يولى يول ئېغىزىدىن تۇڭشىڭ يولى بىلەن لۇڭتېڭ يولى يول ئېغىزىغىچە، تۇڭشىڭ يولى بىلەن شىڭخې يولى ئېغىزىدىن 217 دۆلەت يولى بىلەن شىڭخې يولى ئېغىزىغىچە بولغان يول ئېغىزىدا ئەسلىدىكى 40km/h سۈرئەت چەكلىمىسىدىن 60km/h سۈرئەت چەكلىمىسىگە ئۆزگەرتكەن، لۇڭتېڭ يولى بىلەن تۇڭشىڭ يولى ئېغىزىدىن G3014 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئورقۇ ھەق ئېلىش پونكىتى، 217 دۆلەت يولى بىلەن 137-تۇەن 2-ليەنىنىڭ يول ئېغىزىدىن217 دۆلەت يولى بىلەن 303-لىنىيەگىچە بولغان پۈتۈن لىنىيە، ۋۇشىيا تاشيولى ( نېفىتلىك يولى ) ئومۇمىي لىنىيە بويىچە، 217 دۆلەت يولى 351 كىلومېتىر + 500 مېتىر كېلىدىغان جايدا ئەسلىدىكى 60km/h سۈرئەت چەكلىمىسىدىن 80km/h سۈرئەت چەكلىمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، جەمئىي يەتتە يول ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلگەن.

   ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600 مىڭ ساياھەتچىنى ۋە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى كۈتۈۋالغان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئورقۇ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى يول بويىدىكى يول كۆرسىتىش تاختىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەتكەن، كۆرسىتىش تاختىسى بۇزۇلۇپ يېتەكلەش بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان، ئورنى مۇۋاپىق بولمىغان، ئەسكەرتىش ئۇچۇرى ئېنىق بولمىغان، تەسىس قىلىش ئارىلىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى بىردەك قايتىدىن تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، G3014 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىغا تايىنىپ، ئورقۇ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا مەنزىرە رايونى يول كۆرسەتكۈچى تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىپ، مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ساياھەت ئاپتوموبىللىرىغا ئەڭ قولايلىق يولنى كۆرسىتىپ، ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى