تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دىيابېت كېسىلىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دىبابېت كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

 بىرىنچى، ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش

ئىككىنچى، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكتىن ساقلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش

ئۈچىنچى، ئۇزۇن مۇددەت تىنچ ئولتۇرۇشتەك ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن ساقلىنىش

تۆتىنچى، ئىرسىيەت ئامىلى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئامىل، جەمەت ئىرسىيەت تارىخى بار بىمارلارغا قان قەنتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەت تىنچ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ بەكرەك دىققەت قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

دىيابېت كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟

تولىمۇ ئەپسۇس، دىيابېت كېسىلى ئۆمۈرلۈك كېسەللىك، ھازىرغىچە يىلتىزىدىن داۋالايدىغان ئامال يوق، لېكىن دىيابېت كېسىلىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەگەر ياخشى تىزگىنلەنسە، ئەمەلىيەتتە سالامەتلىكى نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش، مۇھىمى ئىلمىي داۋالاش ۋە ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشتا، شۇڭا  مەخپىي رېتسىپ، زور ئىلمىي بايقاش ياكى دىيابېت كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش دېگەندەك قۇرۇق گەپلەرگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك كېرەك.

تۆۋەندىكى بىر نەچچە كىچىك ساۋاتنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز:

بىرىنچى، دىيابېت كېسىلىنى چوقۇم بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك.

ئىككىنچى، دىيابىت كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم مۇۋاپىق بولغان ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق داۋالىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

(مۇتەخەسسىس: چې خۇڭشيا؛ گەنسۇ ئۆلكىلىك 3- خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، مۇدىر ۋىراچى؛ ئەسەرنى گەنسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە ساغلاملىق تەشۋىق-تەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن)

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى