ئېتىزدىن خۇڭشۇنى كولاپ ئېلىپ خۇشاللىققا چۆمۈش
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۈن بازىرىنىڭ خاس تېرىقچىلىق مەھسۇلاتى بەنلى خۇڭشۇ پىشىپ كولاپ ئېلىندى، ناھىيە بازىرىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ساياھەتچىلەر ئېتىز بېشىغا كېلىپ ئۆزى قول سېلىپ خۇڭشۇ كولاپ ئېلىپ ھەم سېتىۋېلىپ، مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلىشتى. دېھقانلار ھوسۇل ئېلىش بىلەن بىرگە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىز بېشىدا بىۋاسىتە تاۋارغا ئايلىنىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.
ساياھەتچىلەر بايىلا كولىغان خۇڭشۇلارنى تاللىماقتا.
ساياھەتچىلەر ئۆزى قول سېلىپ خۇڭشۇ كولاپ، مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلدى .
دېھقان ( ئوڭدىن 1-كىشى) سۇ جۇماۋ بۇ يىل 6 مو يەرگە بەنلى خۇڭشۇ تېرىدى، مۆلچەرىچە، ھەر مو يەردىن 1500 كىلوگىرام ئەتراپىدا خۇڭشۇ ھوسۇل ئالسا، ھەر كىلوگرامىنى 3.5 يۈەندىن ساتسا، تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر مو يەردىن 5000 يۈەن ساپ كىرىم قىلالايدىكەن.