تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق كىشىلەر دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ

دىيابېت كېسىلى قان قەنتىنىڭ ئۆرلىشىنى ئالاھىدىلىك قىلغان مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئىرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش كەمتۈكلۈكى ياكى ئىنسۇلىننىڭ رولى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك، دىيابېت كېسىلىنىڭ زىيىنى قايسىلار؟ دىيابېت كېسىلى بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك، ئۆمۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ساقلانغان قان قەنتى يۇقىرى بولۇش ھەر خىل توقۇلما، ئەزالارنىڭ، بولۇپمۇ كۆز، بۆرەك، نېرۋا يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك زەخمىلىنىشى ۋە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ، مېيىپلىق نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى ناھايىتى يۇقىرىلىتىپ، ئاغرىقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى بولۇپ، دىيابېت كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر جىددىي خاراكتېلىك ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، جىددىي خاراكتېلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەر، مەسىلەن، دىيابېت كېسىلى كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش، بۇ خىل ئالامەت ئادەتتە بىر قەدەر تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ، ھاياتقا ناھايىتى ئاسانلا تەھدىت سالالايدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئادەتتە يوشۇرۇن يۈز بېرىدۇ، ئەگەر كۆزىتىشكە دىققەت قىلمىسا، مېيىپ بولۇپ قالىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق كىشىلەر بۇ كېسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

تۆۋەندىكى كىشىلەر دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ:

بىرىنچى، 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر

ئىككىنچى، جەمەتىدىكىلەردە دىيابېت كېسىلى تارىخى بار كىشىلەر

ئۈچىنچى، سېمىز كىشىلەر

تۆتىنچى، تۇغۇلغان چېغىدا بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگرامدىنمۇ كىچىك تۇغۇلغان بوۋاقلار، بۇنداق بوۋاقلار چوڭ بولغاندا ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ!

بەشىنچى، تۆت كىلوگىرامدىن چوڭ بوۋاق تۇغقان ئاياللار ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان قەنتى ئۆرلەپ باققانلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ، دىيابېت كېسىلىنىڭ بىر قىسىم تىپىك بولغان كىلىنكىلىق ئالامەتلىرىدىن، مەسىلەن كۆپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىش، كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش، كۆپ ئوزۇقلىنىش ۋە ئورۇقلاشتىن ئىبارەت ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ يۇقىرىقىدەك تىپىك ئالامىتى يوق، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا قان قەنتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلىدۇ، قان شېكىرى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلىدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم.

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا ئۈمىدسىزلىنىش ھاجەتسىز، كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇۋاپىق تىزگىنلىگەندىلا، ئوخشاشلا كىشىلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ، دىيابېت كېسىلىنى مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش، ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش، دورا ئارقىلىق داۋالاش، كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيە ئىشلەش قاتارلىق بەش جەھەتتىن داۋالىسا بولىدۇ. 

(مۇتەخەسسىس: چې خۇڭشيا؛ گەنسۇ ئۆلكىلىك 3- خەلق دوختۇرخانا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، مۇدىر ۋىراچى؛ ماقالىنى گەنسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە ساغلاملىق تەشۋىق-تەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن)

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى