تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خېبېي لېتىڭ : بېيجىڭ-تيەنجىن كەسپىنى يۆتكەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىش

 9- ئاينىڭ 16– كۈنى، لېتىڭ ناھىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ خۇەنۋېي گۇرۇھى مۇھىت تازىلىقى ئۈسكۈنىلىرى ( لېتىڭ ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى سېخ ئىچىدە مۇھىت تازىلىقى ئاپتوموبىللىرىنى قۇراشتۇرماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى لېتىڭ ناھىيەسى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېڭىز بويىدىكى پورتقا يېقىن رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن كەسپىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى پائال قوبۇل قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك «باشلامچى» كەسىپ تۈرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن كىرگۈزۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، لېتىڭ ناھىيەسى بېيجىڭ - تيەنجىن كەسپىنى يۆتكەش تۈرىدىن 63نى كىرگۈزگەن، بۇ ئەسلىھە ياساش، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە، بىيو دورا قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، سېلىنغان مەبلەغ 29 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شىياۋ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى