تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەلىك جۇڭگو. ھەشەمەتلىك تاغ-دەريالاردىن شىنجاڭغا نەزەر

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى شىنجاڭ باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقتى. تىيانشان تاغ تىزمىلىرى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، «ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق»تەك يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى شىنجاڭنى ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە قىلدى. ئېگىز تاغدىكى كۆل تىيانشان بوغدا كۆلى، «ئەڭ گۈزەل كۆل» قاناس، «بوشلۇقتىكى يايلاق» نارات، گېئولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرە كۆكتوقاي، بىپايان قۇملۇق، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ، گۈزەل يايلاقلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

  «ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ» ئالتاي ۋىلايىتىدىن «ئون مىڭلىغان تاغ ئەجدادى»كوئىنلۇنغىچە، «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىدىن «چېگرا بوستانلىقى» ئىلى دەريا ۋادىسىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق بىپايان تاغ-دەريالاردا ھەشەمەتلىك كارتىنىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى.

   9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. (خۇ خۇخۇ، سادات، ۋاڭ فېي، جياڭ ۋېنياۋ، جاۋ گې، جۈ خۇەنزۇڭ، دىڭ لېي فوتوسى)

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى شىنجاڭ باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

ئېكولوگىيەلىك سۇ شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا يولىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تەكلىماكان ۋە قۇمتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ تۇتۇشۇشىنى توستى (2017-يىلى10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى چارۋا يولىدا كۆچۈۋاتقان چارۋىلار (6-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى (1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

تاڭ نۇرى ئاستىدىكى شىنجاڭ قاناس قۇم كەنتى (2018-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

بۇ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى (2018-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

بۇ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى «سەككىز قىرلىق شەھەر»نىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى (8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭ بايىنبۇلاق يايلىقىدا سۈرەتكە تارتىلغان ياز پەسلىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ مەنزىرىسى ( 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭ نارات مەنزىرە رايونى قارلىق تاغ ئېتىكىدە ئېچىلغان ياۋا گۈلسامساقلار (4-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۆكتوقاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (1-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).

بۇ ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى شىنجاڭ جامبۇلاق بۇغدايلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما سۇلۇق يەر مەنزىرىسى (6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تارتىلغان).

تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى توردىن سېتىۋېلىنغان تاۋارلارنى شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسى چاغانغول يېزىسىنىڭ ساربۇلاق كەنتى چارۋىچىلىق مەيدانىغا توشۇماقتا (2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

بۇ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى (4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

بۇ شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسى تۈرگۈن يېزىسىنىڭ ئۆرۈك جىلغىسى گۈزەل مەنزىرىسى. (2017-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).

پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى دابەنچىڭ رايونى بەيياڭگوۋ ئىچىدە دالا سەيلىسى قىلماقتا (2018-يىلى7-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى