تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوتەن دېھقانلىرى ياسىغان «يۇرتنى سېغىنىش» يۆبىڭى ياخشى سېتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىڭ مېي، جاڭ دېلۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 1 ساندۇق ، 2ساندۇق . . . 1000 ساندۇق ! 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، خوتەنلىك دېھقان مەتياسىن مەتتۇرسۇن ھەمراھى بىلەن 1000 ساندۇق خوتەن يۆبىڭىنى خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزگەندە، كېچە-كۈندۈز ئاپتوموبىل بىلەن 1400 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، چارچاپ ھالى قالمىغان ئىدى.

  مەتياسىن بۇ يىل 36 ياشقا كىردى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدىن. ئىزچىل يەر تېرىپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ كەلگەن ئۇ، بۇ يىل كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئېچىپ، خوتەن يەرلىك يۆبىڭى قاتارلىق ئالاھىدە تورتلارنى ئىشلەپچىقاردى. 

     «زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكىنىگە بىر ئايدىن ئېشپلا، سېتىش سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشتى !» يېقىندىن بۇيان ئىنتايىن قىزىۋاتقان يۆبىڭ سودىسى ئۈستىدە توختالغاندا، مەتياسىن تارتىنىپقىنە كۈلۈپ قويۇپ، ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن، دۇنيادا سەۋەبسىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، نەتىجىنىڭ كەينىدە نەچچە ئاي جاپالىق ئەجىر سىڭگەن بولىدۇ، دېدى.

  كەنتتە كەسىپنى گۈللەندۈرۈش «پىلانلاش يىغىنى» ئېچىلدى

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، شاتى مەھەللە كەنتىدە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا «پىلانلاش يىغىنى» ئېچىلدى، يۇرتداشلار بۇنىڭدىن ناھايىتى يېڭىلىق ھېس قىلدى .ئەسلىدە، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، بېيىش باشلامچىلىرىنى «يۇرتنى سېغىنىش» باش تېما قىلىنغان ئۆزگىچە يېزا-كەنت ساياھەت، ئىستىراھەت كەسپىگە ئەقىل كۆرسىتىش ئۈچۈن چاقىرغانىدى. بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ھەميان» ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك «پىلانلاش يىغىنى» بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار كەڭ-كۇشادە سۆز قىلدى، مەتياسىن ئۇزۇندىن بۇيان پەيدا بولۇپ كېلىۋاتقان ئويىنى، يەنى زاۋۇت قۇرۇپ خوتەننىڭ ئالاھىدە پېچىنە - پىرەنىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش ئويىنى ئېيتتى.

    شۇ قېتىمقى يىغىندا، شاتى مەھەللە كەنتى «يۇرتنى سېغىنىش» تېمىسىدىكى 11 ئۆزگىچە يېزا-كەنت ساياھەت ئىستىراھەت كەسىپ تۈرىنى، جۈملىدىن نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، پېچىنە-پىرەنىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارلىقلارنى بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، پېچىنە-پىرەنىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى مەتياسىن پىلانلىغان يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدا تەسىس قىلىندى .

  ئارقىدىن، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەتياسىننىڭ شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، تاۋار ماركىسى لايىھەلەش، ئوراش - قاچىلاش، ئۈسكۈنە بىلەن ئالاقىلىشىش، زاۋۇت بىناسى قۇرۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش ياردەملەشتى ھەمدە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ خوتەن شەھىرىدە بىر پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھەر خىل پېچىنە - پىرەنىك ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىبۇ يىل 7- ئايدا، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق ئارقىلىق، مەتياسىن قۇرغان خوتەن شەھەرلىك مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خوتەن يەرلىك يۆبىڭى ئاساسلىق مەھسۇلات قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خوتەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە باشقا پېچىنە - پىرەنىكلەرمۇ ئىشلەپچىقىرىلدى .

  خوتەن يەرلىك يۆبىڭى خوتەن ۋىلايىتىگە خاس يۆبىڭ بولۇپ، گۇاڭدۇڭچە يۆبىڭ ئىچىدىكى بەش خىل مېغىزلىق يۆبىڭىگە ئوخشاپ كېتىدۇ،  مايلىق ئەمەس، قىيمىسىمۇ تەڭشەلگەن. خوتەن يەرلىك يۆبىڭىگە تۇخۇم، سۈت ۋە خېمىر، ياڭاق مېغىزى، قىزىلگۈل مۇرابباسى، بولكا ئۇۋۇندىسى، ھەسەل، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار قىيما قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى تەملىك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن يەرلىك يۆبىڭى خوتەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئۆزگىچە تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن بازار تاپتى. مەتياسىن خوتەن ۋىلايىتىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان يۆبىڭ دۇكانلىرىدىن سودا پۇرسىتى ۋە ئۈمىدىنى كۆردى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئىگە بولغاندا، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ئىستېمالچىلارغا خاتىرجەم، مەززىلىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقاردى.

   كەسىپ ۋە «يۇرتنى سېغىنىش» خۇشاللىقى

  مەتياسىن ئىشلەپچىقارغان خوتەن يەرلىك يۆبىڭى دەسلەپتە ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا پارچە سېتىلىپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كېيىن، جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق مەتياسىنغا ياردەملىشىپ يۆبىڭنى تەشۋىق قىلدى ۋە كېڭەيتتى.

  7- ئايدىن بۇيان، مەتياسىن ئىزچىل زاكاز قوبۇل قىلىپ كەلدى، بىر كۈنى ئالتە سائەت ئىچىدە 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زاكاز تالونى ئىمزالىدى. «زاۋۇت دەسلەپتە 15 كەنت ئاھالىسىنى مۇقىم خىزمەتچى قىلىپ تەكلىپ قىلغان، كېيىن زاكاز بەك كۆپ بولۇپ كەتكەچكە، يەنە 15 ئادەمنى مەخسۇس ئوراپ قاچىلاشقا تەكلىپ قىلدۇق.» مەتياسىننىڭ دېيىشىچە، سودا ياخشى بولسا، ئۇ خىزمەتچىلەرگە پىرسەنت قوشۇپ، مۇكاپات تارقىتىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدىكەن.

  شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1ـ شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ لېينىڭ دېيىشىچە، ئۇلار كەنتتە خوتەن يەرلىك يۆبىڭى قاتارلىق «يۇرتنى سېغىنى » ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى تېپىپ، « يۇرتنى سېغىنىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان يېزا ـ كەنت ساياھەت، ئىستىراھەت كەسىپ تۈرىنى بەرپا قىلغان. بىر نەچچە ئاي تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، شاتى مەھەللە كەنتى غول يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونى، نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، پېچىنە-پىرەنىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، مەھسۇلاتلار خوتەن شەھىرىدىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدا سېتىلغان.

   بۇنىڭدىن باشقا، شاتى مەھەللە كەنتىنىڭ ئۈستىقۇددۇس ساياھەت بازىسى، يېزا - كەنت پۇقراۋى تۇرالغۇسى، بەيياڭ جيەنبۇ يولى، ئورمان غاز بېقىش بازىسى قاتارلىق تۈرلەرمۇ پۈتتى. «بۇنىڭدىن كېيىن، ئىستىراھەت ساياھىتى، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان «يۇرتنى سېغىنىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان يېزا - كەنت ساياھەت كەسپى شاتى مەھەللە كەنتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ» دېدى ياڭ لېي.

    مەتياسىن مۇنداق دېدى: ھازىر سىزنىڭ ئوي ـ خىيالىڭىز، ئىشچانلىقىڭىز بولسىلا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى دېھقانلارغا ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ۋە جاسارەت ئاتا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى