تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھامىلىدار ئاياللار ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرسە، ھامىلىنىڭ مېڭىسى ياخشى يېتىلىدىكەن

ئامېرىكا برايگېن ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرگەن ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە قان مىقدارى تېخىمۇ كۆپ، كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

تەتقىقاتتا ھامىلە 24 ھەپتىدىن 40 ھەپتىگىچە بولغان بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىشى ئاستا دەپ دىياگنوز قويۇلغان 78 نەپەر ھامىلدار تاللانغان. بۇ ئاياللار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، بىر گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر ھەر كۈنى سەككىز ئۇنسىيە (تەخمىنەن 227 گىرام) ئانار شەربىتى ئىچكەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تەم ۋە ئېنىرگىيە مىقدارى ماسلاشتۇرۇلغان، ئەمما كۆپ پولىفېنول قوشۇلمىغان «بەزلەش» دورىسى ئىچكەن. تەتقىقات ئۆمىكى ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە زەخىملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانار شەربىتى ئىچكەندە، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. پولىفېنول بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ئانار، قىزىل ھاراق ۋە چاي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدىكەن. پولىفېنول قان مېڭە توسۇقىدىن ئۆتەلەيدىكەن ھەمدە ھايۋانات مودېلى تەتقىقاتىدا نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە قارىتا ياخشىلاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلانغان ئىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى