تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شايار ناھىيەسى: ياسىن ئائىلىسىنىڭ لاپىزىسى دوستلار چەمبىرىكىدە داڭق چىقاردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۇنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلنۇر خەۋىرى): 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى ئىلغار كەنتىدىكى دېھقان ياسىن نىياز ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قۇرۇق يەرگە يېيىپ قويۇلغان لاپىزىلارغا قاراپ خۇشاللىقتىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى. ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى ۋە سېتىشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ قۇرۇتقان لاپىزىلىرى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە داڭق چىقاردى، بازىرى ئىتتىك بولغاچقا، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ياردەمگە چاقىرىپ، ئاپتاپقا سېلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

  ياسىن نىياز ئاكىسى بىلەن 43 مو يەرگە لازا تېرىغان بولۇپ، يىللىق ھۆل لازا مەھسۇلات مىقدارى 100 توننا. لېكىن يېزىلاردا ھەممە ئائىلىنىڭ كۆكتاتلىقى بولغاچقا، ئۇنىڭ لازىسى يېزا بازىرىدا ئىتتىك سېتىلمىدى، سېتىلسىمۇ باھاسى بەكلا تۆۋەن ئىدى. لاپىزا داپەنجى قاتارلىق نۇرغۇن قورۇما، سەيلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيال بولغاچقا، بازارنىڭ ئېھتىياجى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە لازا قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ساقلاشقا تېخىمۇ قولايلىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ياسىن نىياز ئۈزگەن لازىلىرىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ لاپىزا قىلىپ سېتىشنى قارار قىلدى، ھازىرغىچە ئۇ 40 نەچچە توننا لازا ئۈزۈپ، ھەممىسىنى ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى بوش يەرگە يايدى، يەرگە يېيىلغان قىپقىزىل لازىلارنى ياسىن نىياز باشقا جايلارغا ئاپىرىپ سېتىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن زاكاز ناھايىتى ئاز ئىدى، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

  «ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ، ئائىلىمىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئىگىلەيدۇ، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۇلار كادىرلارنى باشلاپ كېلىپ، نەچچە يۈز كىلوگىرام لازىنى سېتىشىپ بەردى.» دېدى ياسىن نىياز خۇشال ھالدا. «ئۇلار يەنە بۇ قۇرۇتۇلغان لاپىزىلارنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ۋە دوستلار توپىغا ئەۋەتىپتۇ، گېزىتخانىدىكى كادىرلار زاكاز ئەۋەتىپتۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى زاكازلارنى تىزىملاپ، بىرتۇتاش ئوراپ قاچىلىشىمغا ياردەم بەردى، يەنە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سېتىلغان لازىلارنى ئىگىسىگە ئەۋەتىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار مېنىڭ ھەم مال ساتقۇچۇم ھەم مال توشۇغۇچۇم بولۇپ قالدى».

  «بۇ يىلدىن بۇيان، بىز ئىدارىنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئىدارىدىكى كادىرلارنى ئىلغار كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق.» دېدى ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ ئىلغار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئەنۋەر ۋايىت.

  ياسىن نىياز مۇنداق دېدى: «بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، مېنىڭ قۇرۇتۇلغان لاپىزامنىڭ داڭق چىقتى، بۇ يىل سېتىشتىن غەم قىلمايلا قالماستىن، كېلەر يىلى يەنە داۋاملىق لازا تېرىيمەن.»

  ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى