تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خېبېي لېتىڭ: بېيجىڭ-تىيەنجىننىڭ كەسىپ يۆتكىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، لېتىڭ ناھىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ مۇھىت تازىلىقى گۇرۇھى مۇھىت تازىلىقى ئۈسكۈنىلىرى (لېتىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى سېخ ئىچىدە مۇھىت تازىلىقى ئاپتوموبىللىرىنى قۇراشتۇرماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لېتىڭ ناھىيەسى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېڭىز بويىدىكى پورتقا يېقىن رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىننىڭ كەسىپ يۆتكەش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى پائال قوبۇل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم «باشلامچى تىپلىق» كەسىپ تۈرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن كىرگۈزۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، لېتىڭ ناھىيەسى جابدۇق ياساش، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە، بىيو دورا قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بېيجىڭ-تيەنجىن كەسىپ يۆتكەش تۈرىدىن 63نى كىرگۈزۈپ، جەمئىي 29 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان. ياڭ شىياۋ فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، لېتىڭ ناھىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ يەنخۇا يۇڭلې (لېتىڭ) بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسراش دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېپىدە خىزمەت قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، بېيجىڭدىن لېتىڭ ناھىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا يۆتكەلگەن خۇابېي يىئەندې تاختىپەر ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى