تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: چوڭقۇر مۇھەببەتلىك جۇڭچيۇ، مېھىرلىك سالاملىشىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: جۇڭچيۇ بايرىمىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتىپىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرى نەنگۇەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «تۆت پېشقەدەم» ئائىلىلەرگە بېرىپ «جۇڭچيۇ ئېيىدا جەم بولۇپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى داۋاملاشتۇرۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈستىدە ئورتاق سۆزلەشتى.

  بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سارەم قادىر خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشال بولغان ھالدا ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ھەمدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەلىجان ئىسمايىلنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە تەشكىلاتى ئىزچىل ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە، سىلەر شۇنداق ئالدىراش تۇرۇپ يەنە مېنى يوقلاپ كەپسىلەر، ھەر قېتىم ھېيت-بايرامدا ماڭا غەمخورلۇق يەتكۈزۈپ ھال سوراپ كېلىسىلەر، سىلەرگە كۆپ رەھمەت!»

  ئەلىجان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلىشىپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا جۇڭچيۇلۇق بەخت تىلەپ، ئۇنىڭغا سالامەتلىكىنى ئاسراشنى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پېشقەدەملىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تاپىلىدى.

  «پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىلگىرى ئاددىي خىزمەت ئورنىدا خالىس تۆھپە قوشۇپ، ياشلىق باھارىنى سەرپ قىلغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشماقتا. خىزمەت ئەترىتى بۇ قېتىم پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن خۇشال، ئىناق بايرام ئۆتكۈزدى!» دېدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەلىجان ئىسمايىل.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جياڭ چاۋ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى