تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق قىلىش كېرەك

ئادەتتە IT كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى ئاق ياقىلىقلار توپىدىكىلەرنىڭ چېچى كۆپرەك چۈشىدۇ. جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانا تېببىي ھۆسن تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شى گې مۇنداق دېدى: ئىرسىيەت ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش، دائىم كاماندىروپكىغا چىقىش پەيدا قىلغان چوڭ بېسىم، يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇ قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭشەش ياخشى بولماسلىق چاچ چۈشۈشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش: ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ چېچى ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا ئۇخلاپ، ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئادەتتە، قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلىسا مۇۋاپىق. بۇنداق بولغاندا، چاچ چۈشۈشنى تېزگىنلەشكە پايدىلىق.

يېمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلەش: تاماكا تاشلاش، ھاراقنى ئاز ئىچىش. نىكوتىن ۋە ئىسپىرتنىڭ ھەممىسى باش تېرىسىنى غىدىقلايدۇ؛ تاتلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال كېرەك. بەك تاتلىق، بەك ئاچچىق يېمەكلىكلەر ياغنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مايدا پىشۇرۇلغان، كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭمۇ ئىستېمال مىقدارىنى تىزگىنلەش كېرەك.

كەيپىياتنى تەڭشەش: ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى روھىي ئامىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەيپىياتنىڭ زىيادە داۋالغۇشىدىن ساقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. سېزىمچان ھالەتتە تۇرغاندا، ھورمۇن تۈكلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرىنى قىسقارتىپ، باش تېرىسىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، تۈك خالتىسى ئىچىدىكى چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

چاچ بوياش قېتىم سانىنى ئازايتىش: بەزى چېچى چۈشۈپ كەتكەن بىمارلار چېچىنى كۆپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۈدرە قىلىۋالىدۇ، بۇ قەتئىي قوللىنىشقا بولمايدىغان ئۇسۇل. چاچنى دائىم بوياپ، بۈدرە قىلغاندا، چاچنىڭ پارقىراقلىقى ۋە ئېلاستىكىلىقى بۇزۇلىدۇ، ھەتتا چاچنى سارغايتىپ قۇرۇتىۋېتىدۇ. چاچ بوياش، چاچ بۈدرە قىلىش ئارىلىقىدىكى ۋاقىت ئاز دېگەندە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولۇشى كېرەك.

ئاپتاپقا زىيادە قاقلىنىشتىن ساقلىنىش: كۈن نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر چاچ ۋە باش تېرىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ، چاچنىڭ قۇرۇپ، سارغىيىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئاپتاپقا زىيادە قاقلىنىشنى ئازايتىپ، سىرتقا چىققاندا ئىمكانقەدەر كۈنلۈك تۇتۇش، شەپكە كىيىش كېرەك.

چاچنى زىيادە تارتىپ بوغماسلىق: زىيادە بېسىلىش، سۈركىلىش ۋە چاچنى تارتىپ بوغۇش چاچ چۈشۈپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ. چاچنى بەك چىڭ تارتىپ بوغماسلىق كېرەك. قالپاق، بىخەتەرلىك قالپىقى كىيگەندە چېكىمىزدىكى چاچ ئاسانلا قالپاق ياكى بىخەتەرلىك قالپىقىنىڭ بېسىشىغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا شەپكە ۋە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيگەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

كومپىيۇتېرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش: ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى قىلغاندا، دىققەت بەك مەركەزلىشىپ، روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىشىش داۋاملىشىپ، ۋېگېتاتىپ نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتما فۇنكسىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، تۈك خالتىسىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى