تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى) ھەممەيلەن «كۈز يامغۇرى سوغۇقنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىشىدۇ، كۈز كىرگەندىن بۇيان، يامغۇر ياغمىسىمۇ ئەتىگەن ۋە كەچتە ھاۋانىڭ سوۋۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭچيۇ بايرىمىدا ھاۋا ئىنتايىن ياخشى بولدى، بايرام ئاخىرلىشىشى بىلەنلا يامغۇر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
بۈگۈن (9-ئاينىڭ 17-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، ھاۋا بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 بولۇپ، 3 ~ 4 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. ئەتە (9-ئاينىڭ 18-كۈنى) ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېيىنكى يېرىم ھەپتىدە ئوچۇق ھاۋارايى داۋاملىشىپ، تېمپېراتۇرا قايتا ئۆرلەيدىكەن.