تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چۆچەك شەھىرى مەنزىرە رايون ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۇشيا، چۆچەك مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ چۈنلىن خەۋىرى): ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چۆچەك شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى بىر تەرەپتىن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چۆچەك شەھىرى 712 مىڭ 400 ساياھەتچىنى (قېتىم) كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 787 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ يىل ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، چۆچەك شەھىرى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىغا قارىتا، ساياھەت لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ساياھەت مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، گارمون سەنئەت بايرىمى، يېمەك-ئىچمەك بايرىمى قاتارلىق بىر قاتار ساياھەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇردى. تېرەكتى، ئوۋبۇسىن ئېكولوگىيە باغچىسى ۋە قىزىل بىنا مۇزېيى، باقتۇ پورتى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى ھەرتەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە چۆچەكنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  9-ئاينىڭ 6-كۈنى، چۆچەك شەھىرى ئوۋبۇسىن ئېكولوگىيە باغچىسىغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ساياھەتچى جاڭ گۇاڭيۈ بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتىپ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «ئوۋبۇسىن ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، مەن بۇرۇنلا بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ئاڭلىغان، بۈگۈن كېلىپ كۆزۈم ئېچىلىپ قالدى.» 

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئوۋبۇسىن ئېكولوگىيە باغچىسى كىچىك ياغاچ ئۆي، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە گولف توپ مەشىق قىلىش مەيدانى قاتارلىق ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ خىل، ئازادە مۇھىت بىلەن تەمنلىدى. بۇ يىل، ئوۋبۇسىن ئېكولوگىيە باغچىسى يەنە 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن ساياھەت ھاجەتخانىسى سالدى، ھازىر ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

  بۇ يىل، چۆچەك شەھىرى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، پۇقراۋى قونالغۇ نۇقتىسىدىن يەتتىسى قۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى