9-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىر كىچىك تاماشىبىن شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا «چوڭ ئايلانما چاق»نى ھېس قىلماقتا. (مۇخبىر جياڭ شياۋ فوتوسى)
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، «جۇمھۇرىيىتىمىزگە مەدھىيە، ئەقىل-پاراسەتلىك يېڭى تۇرمۇش» باش تېمىسىدىكى 2019-يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتى باشلاندى. پائالىيەت تاكى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى پەن-تېخنىكا سارايلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مائارىپ تەجرىبىسى، كۆرگەزمە قاتارلىق تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تاماشىبىنلارنى ھېس قىلىش جەريانىدا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىگە ئىگە قىلىدۇ.