تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 18- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، شۇنداقلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگودا قانداق سىياسىي تۈزۈم ئورنىتىش يېقىنقى دەۋردىن كېيىن جۇڭگو خەلقى دۇچ كەلگەن بىر تارىخىي خاراكتېرلىك تېما. يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كېلىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ تەسەۋۋۇرنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت ھازىرلىدى، شارائىت ياراتتى. جۇڭگودا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، يېقىنقى دەۋردىن كېيىن جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئېچىنىشلىق ساۋاقلارنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ چىقارغان ئاساسىي يەكۈنى، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بۇيان كەسكىن ئۆزگەرگەنلىكى، داۋالغۇپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي نەتىجىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، ئۆز تەقدىرىنى قولىدا تۇتۇشىدىكى مۇقەررەر تاللىشى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگودا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەزمەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى لايىھەلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن تارىخ ۋە رېئاللىق، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت، شەكىل ۋە مەزمۇننىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىز چەت ئەلنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىكىدىكى پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئۆرنەك قىلىشقا ئېھتىياجلىق، لېكىن جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئاساستىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقى، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۈنۈملۈك بولۇشىدىكى سەۋەب، دەل ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىدە. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم ئىلگىرى ۋە ھازىر ئىزچىل جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كەلگۈسىدە داۋاملىق ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك، شۇنداقلا جەزمەن جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ دېموكراتىك بولغان - بولمىغانلىقى، ئۈنۈملۈك بولغان - بولمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە، ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئالماشقان - ئالماشمىغانلىقى، بارلىق خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان - باشقۇرالمىغانلىقى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان - باشقۇرالمىغانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى راۋان ئىپادىلىيەلىگەن - ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشالىغان - قاتنىشالمىغانلىقى، دۆلەت تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىشىش، دېموكراتىيەلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان - ئاشۇرالمىغانلىقى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىغا باراۋەر رىقابەتلىشىش ئارقىلىق كىرەلىگەن - كىرەلمىگەنلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان - ئاشۇرالمىغانلىقى، ھوقۇقنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چەكلەنگەن - چەكلەنمىگەنلىكى ۋە نازارەت قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، بىز بۇ نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنى يولغا قويدى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى، بۇلار روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىشتا، ئالدى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاچقۇچ ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە تارايتىشتا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشتە. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.