تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش ئەمەلىي ئۈنۈمگە كۈچەش

− ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ھەرىكەتكە كەلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى: نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش، بۇرچنى يېتەكلەش

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى... ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇردى، بۇرچنى يېتەكلىدى.

بىر قەدەم ئالدىن ئۆگەندى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگەندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (شەھەرلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ھەر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» قاتارلىقلارنى ئەينەن ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى.

«كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى يەنىمۇ چۈشىنىپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىمىز، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىمىز.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (شەھەرلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى جاڭ چىن مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە ئوقۇتۇش جەريانىدا مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز».

ئۈرۈمچى شەھىرى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ ھەم ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزلىك ئۆگىنىش داۋامىدا، ئۆزىگە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، دەل جايىدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې تيەنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز دىققەتنى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلە قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا باشلامچىلىق قىلىپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىمىز».

بورتالا ئوبلاستى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» باش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشانغا توغرىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ قەتئىي بوشاشماي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتتى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتتى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، پۇختا، ئەمەلىي ئىشلىدى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى بالدۇر پىلانلاش، بالدۇر تەييارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىشىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ئايدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى پۈتۈن ئوبلاستنىڭ پېشقەدەم كادىرلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى يوۋ لىشيا مۇنداق دېدى: «پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش مەزمۇنىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئوبلاستتىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار ئىنكاس قىلغان بەش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى توپلىدى ھەم بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا 15 تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى».

ھەقىقىي تۈردە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؛ دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك... بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سۇبۇتا مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە ئاساسەن، ئىدارىمىز ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، سۇ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ سۇچىلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئالدىن ئۆگىنىپ، ئالدىن تۈزىتىش بىلگەن ھامان دەرھال تۈزىتىش

ئاقسۇ ۋىلايىتى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن ئۆگىنىپ، ئالدىن تۈزەتتى، بىلگەن ھامان دەرھال تۈزەتتى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دۇ مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋىلايەتتىكى تۆت يۈرۈش بەنزە مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزۈپ، خادىم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمدىن ئىبارەت «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەتتىكى تۆت يۈرۈش بەنزە ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى، غەم قىلىدىغان ئىشلارنى بىلگەن، ئىگىلىگەن ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىغا، قاتتىق تەدبىر قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كېسەل كۆرسىتىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال بىر تۈركۈم مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلغان. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە، بىر شەھەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مەسىلە يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا رەتلەپ، جەملەپ مەسىلە تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا، ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە پۇختا ئاساس سالغان.

«قىسمەن ياشىنىپ قالغان ئامما ساناتورىيەدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تەمىنات سالاھىيىتى ۋاقتىدا ئىسپاتلانمىغانىدى. 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ تەمىناتىنى ۋاقتىدا ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، سالاھىيىتى ئىسپاتلانماسلىق سەۋەبلىك تەمىناتىنى توختىتىش ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز <بىرىنچى سەپ خىزمەت ئۇسۇلى> ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئىشىكتىن چىقماسلىق، مۇلازىمەتنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى كۇچا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى يۈفاڭ.

باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۇچا ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيە دائىرىسىدە «بىرىنچى سەپ خىزمەت ئۇسۇلى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قارىشى بىرىنچى سەپتە، نىشان - ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىرىنچى سەپتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - ياردەم بېرىش - يېتەكلەش - يېتەكچىلىك قىلىش بىرىنچى سەپتە، مەسىلە، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، پەسەيتىش بىرىنچى سەپتە، خىزمەتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە تۈرتكە بولۇش بىرىنچى سەپتە، تەكشۈرۈپ سىناش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ سالمىقى بىرىنچى سەپتە قاتارلىق خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق كۇچا ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمى - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، تەپەككۇر يولىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ۋە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە كۈچىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆگىنىش - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تۈزىتىپ، تىرىشىپ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، شيا چىڭ، جاۋ چۈنخۇا، بورتالا ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى مىڭشىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى گې يۈ، ۋاڭ شيا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى