تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ «شىنجاڭ كۈنى» بۈگۈن باشلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئۈچ كۈنلۈك «شىنجاڭ كۈنى» باش تېمىلىق پائالىيىتىنى كۈتۈۋالىدۇ. شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى، گۇيتۈن تىياتىرخانىسى قاتارلىق كۆپ جايدا، شادىمان ناخشا - ئۇسسۇل ۋە خۇش پۇراق قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋىلەر چوقۇم نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە سۇنغان بىر سوۋغىسى.

بۇ قېتىمقى «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «شىنجاڭ ياخشى جاي». ئاساسلىق مەزمۇنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تونۇشتۇرۇش ھەم سودا كېڭىشىشى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش. بىر قاتار تۈرلۈك سەرخىل پائالىيەتلەر باش تېمىنى چۆرىدەپ بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈچ كۈنلۈك «شىنجاڭ كۈنى»نى بېيىتىدۇ.

9- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شىنجاڭ كۈنى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كىشىلەر قويۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆرەلەيدۇ، ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، باھالاش يىغىنىدا، ساياھەتچىلەر قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلالايدۇ.

«شىنجاڭ كۈنى» مەزگىلىدە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تونۇشتۇرۇش ھەم كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يەرمەنكىسى» ۋە «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسىپ سىياسىتى ھەم تۈرى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى، ساياھەت - مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەخسۇس تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

«شىنجاڭ كۈنى» ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بەردى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى تەرتىپ بويىچە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى