تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» ھەمدە يېڭىدىن تۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام» قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئۈچ ئىچكى نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

«ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت تۈپ سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ نىزام تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختىلاشنى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش، ئىجرا قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە «ئىككىنى قوغداش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، ھەرىكىتىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بىرقەدەر پىشقان، ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدىغان تەجرىبىلەرنىڭ جەۋھىرىنى تاللاپ، ۋاقتىدا تۈزۈم، بەلگىلىمىگە ئايلاندۇرۇپ، مۇناسىپ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ساقلانغان بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈزۈم قەپىسىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتى، پائالىيىتى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۈزۈم جەھەتتىكى «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات»نى ياخشى قىلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمىنى چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان چاغدا، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنىڭ نوپۇزىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈزۈم ئىجراسىنى ياخشى تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا نىزامغا ھۆرمەت قىلىشى، نىزامنى ئۆگىنىشى، نىزامغا رىئايە قىلىشى، نىزامنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى بويىچە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ھەم پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە نىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ھەم ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ئۈلگىلىك رىئايە قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلار ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ دۆلەت قانۇنىدىن قاتتىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى بىلەن دۆلەت قانۇنىنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئۆزئارا ياخشى ماسلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى